مۇھىم خەۋەرلەر

چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى 2 مىليون 770 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى

2024.03.07 15:02 مەنبە: خەلق تورى

  مۇخبىرنىڭ 6-چېسلا شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھىدىن ئىگىلىشىچە، 3-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە، 40 كۈنلۈك چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى 2 مىليون 770 مىڭ ئادەم قېتىمغا، يۈك ۋە پوچتا يوللانمىسى توشۇش مىقدارى 15 مىڭ تونننىغا، ئۇچۇش، قونۇش قېتىم سانى 20 مىڭ قېتىمغا يەتكەن، بۇ 2023-يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %26.3، %24.2، ۋە %17.0 ئاشقان.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ يىل چاغانلىق يولۇچى توشۇشتا يولۇچىلارنىڭ تۇغقان يوقلاش، دوست- بۇرادەرلىرىنى يوقلاش، ساياھەت قىلىش ئېھتىياجى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتىدا يولۇچىلار داۋاملىق كۆپەيدى. 1-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 3-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە، بۇ ئايرودۇرۇمدا كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 498 ئايروپىلان (قېتىم) ئۇچۇپ-قوندى، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 69 مىڭ ئادەم (قېتىم) يولۇچى توشۇلدى.

  دۆلەت ئىچى ئاۋىئاتسىيە لىنىيەسىدە، ئۈرۈمچىدىن چېڭدۇ، بېيجىڭ، جېڭجوۋ، شىئەن، شاڭخەي قاتارلىق شىنجاڭ سىرتىدىكى ئاۋات شەھەرلەرگە قاتنايدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرى كۈنىگە 12 قېتىمدىن ئارتۇق قاتنىدى؛ ئۈرۈمچىدىن قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ، غۇلجا قاتارلىق شىنجاڭ ئىچىدىكى شەھەرلەرگە قاتنايدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرى كۈنىگە يەتتە قېتىمدىن ئارتۇق قاتنىدى. خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى جەھەتتە، ئۈرۈمچى دىۋوپۇ خەلقئارا ئايروپورتى چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە 37 مىڭ ئادەم قېتىم خەلقئارا يولۇچى توشۇشنى تاماملىدى، ئىسلامئابات، ئالماتا، دۈشەنبە، تىبىلىس قاتارلىق 19 خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.

  شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: چاغانلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىدە، قارىمىقىمىزدىكى ئايرودۇرۇملارنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى 4 مىليون 652 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئوتتۇرىچە نورمال ئۆتۈش نىسبىتى %90 تىن ئاشتى. ئۈرۈمچى، تۇرپان، قەشقەر، كورلا قاتارلىق 20 ئايرودۇرۇمنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى 2023-يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكى سەۋىيەدىن ئېشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تىرانسپورت ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى سىجىل ياخشىلىنىۋاتىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ