مۇھىم خەۋەرلەر

شىنجاڭدا دەم ئېلىشنىڭ يۇقىرى پەللىسىدىن ئۆتكۈزۈپ دەم ئېلىشقا، ئېلاستىكلىق دەم ئېلىشقا ئىلھام بېرىلىدۇ

2023.11.23 11:28 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى بىرلىكتە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىستېمالنى يەنىمۇ ئەسلىگە كەلتۈرۈش، كېڭەيتىشنى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى تۈزۈپ چىقتى.

  بىرلىكتە مۇھىم نۇقتىسىنى كۆرۈپ باقايلى

  01. تۇرالغۇغا مۇناسىۋەتلىك

  «لايىھە»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: قاتتىق ۋە ياخشىلانغان تۇرالغۇ ئېھتىياجىنى قوللاش كېرەك. بىنانى پۈتتۈرۈپ تاپشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  شەخسىي تۇرالغۇ قەرز پۇلىدىكى تۇرالغۇ ئۆي سانىنى بېكىتىش ئۆلچىمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، پەرقلىق تۇرالغۇ كرېدىتى سىياسىتى ۋە ئاھالىلەر ئالماشتۇرۇپ سېتىۋالغان تۇرالغۇنىڭ شەخسىي تاپاۋەت بېجىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى ئىجرا قىلىش كېرەك.

  02. ماشىنا توختىتىشقا مۇناسىۋەتلىك

  «لايىھە»دە ماشىنا توختىتىش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 2023-يىلى بىر تۈركۈم ماشىنا توختىتىش مەيدانلىرى تۈرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا كەم دېگەندە 1 مىليارد 200 مىليون يۈەن مەخسۇس قەرز ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى. ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ ماشىنا توختىتىش ئورنى تەمىناتىنى ئۈنۈملۈك كېڭەيتىپ، ماشىنا توختىتىش ھەققى ئېلىش سىياسىتىنى مۇۋاپىق تۈزۈشىگە ئىلھام بېرىش كېرەك.

  يېڭىدىن قۇرۇلغان تۇرالغۇ رايونلىرى شەھەر ماشىنا توختىتىش پىلانى ۋە ئالاقىدار ئۆلچەم تەلىپى بويىچە ماشىنا توختىتىش ئورنى تەسىس قىلىدۇ، كونا ئولتۇراق رايون، كونا كوچا رايونى، كونا زاۋۇت رايونىنى ئۆزگەرتىشتىكى ماشىنا توختىتىش ئورنىنى سەپلەش سالمىقى زورايتىلىدۇ.

  شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، مەكتەپ، دوختۇرخانا دەرۋازىسى ئالدىغا چەكلىك ۋاقىتلىق ماشىنا توختىتىش ئورنى تەسىس قىلىپ، ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن يولدا كېچىلىك ماشىنا توختىتىش ئورنى تەسىس قىلىپ، ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى يەنىمۇ قاندۇرۇش كېرەك.

  03. دەم ئېلىشقا مۇناسىۋەتلىك

  «لايىھە»دە دەم ئېلىشنىڭ يۇقىرى پەللىسىدىن ئۆتكۈزۈپ دەم ئېلىش، ئېلاستىك دەم ئېلىشقا ئىلھام بېرىپ، دەم ئېلىش كۈنى ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  كارخانىلارنىڭ مائاشلىق يىللىق دەم ئېلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى «ئىناق ئەمگەك مۇناسىۋىتى بار كارخانىلارنى باھالاش قائىدىسى (سىناق نۇسخىسى)» غا كىرگۈزۈپ، كارخانىلارنىڭ مائاشلىق يىللىق دەل ئېلىش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ دەم ئېلىش ھوقۇقىنى قوغداش كېرەك.

  كۈندىلىك كۆزىتىش، تەكشۈرۈش، ئەمگەكچى ئىشلىتىشنى يازما تەكشۈرۈش، مەخسۇس قانۇن ئىجرا قىلىپ تەكشۈرۈش، پاش قىلىش، ئەرز قىلىشنى مەخسۇس تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىتىش، مائاشلىق دەم ئېلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرمەسلىك قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا زەربە بېرىش كېرەك.

  04. ساياھەتكە مۇناسىۋەتلىك

  «لايىھە»دە مەدەنىيەت-ساياھەت ئىستېمالىنى يەنىمۇ بېيىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى

  مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ئۆز ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ بېلەت باھاسىدا ئېتىبار بېرىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشىگە ئىلھام بېرىلىدۇ. ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ مەنزىرە رايونلىرىنىڭ كىرىش بېلىتىنى كەچۈرۈم قىلىش، كاساتچىلىق مەزگىلىدە ھەقسىز ئېچىۋېتىش، بېلەت باھاسىنى چۈشۈرۈش قاتارلىق سىياسەتلەرنى تۈزۈپ يولغا قويۇشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.

  كېچىلىك مەدەنىيەت-ساياھەت ئىستېمالىنى قېلىپلاشتۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شارائىتى بار ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ «24 سائەتلىك تۇرمۇش چەمبىرىكى» قۇرۇشىنى قوللاش كېرەك.

  05. يېمەك-ئىچمەككە مۇناسىۋەتلىك

  «لايىھە»دە يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمىتى ئىستېمالىنى داۋاملىق كېڭەيتىش، ساغلام يېمەك-ئىچمەك ئىستېمالى تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، يېمەك-ئىچمەك ئىسراپچىلىقىغا قارشى تۇرۇلدى.

  ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېمەك-ئىچمەك سورۇنلىرىنىڭ تىجارەت ۋاقتىنى ئۇزارتىشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك.

  ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ پائال شارائىت يارىتىپ، ئەتىگەنلىك بازار، يايما ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشىنى قوللاپ، يولنى ۋاقىتلىق ئىگىلەپ يايما ئېچىش رايونىنى ئىلمىي تەسىس قىلىپ، قانۇننى كەڭ قورساق، ئېھتىياتچان، يۇمشاق ئىجرا قىلىشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك.

  06. مەدەنىيەت، كۆڭۈل ئېچىش، تەنتەربىيەگە مۇناسىۋەتلىك

  «لايىھە»دە مەدەنىيەت، كۆڭۈل ئېچىش، تەنتەربىيە كۆرگەزمە ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  تۈرلۈك تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىنى ئۆتكۈزۈشكە ئىلھام بېرىپ، قوبۇل قىلغۇچىلار دائىرىسى كەڭ بولغان توردىكى ۋە تور سىرتىدىكى تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىنى كۆپەيتىش كېرەك. ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش ئەسلىھەلىرىنىڭ كەمتۈكلۈكىنى تولۇقلاش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، تەنتەربىيە باغچىسى قاتارلىق ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى بەدەن چېنىقتۇرۇش مەيدانلىرىنى ئۈنۈملۈك تەمىنلەش كېرەك. ئاممىۋى تەنتەربىيە مەيدان-سارايلىرىنى ھەقسىز ياكى تۆۋەن باھادا ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەنتەربىيە مەيدان-ئەسلىھەلىرىنى جەمئىيەتكە ئېچىۋېتىشنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەرىكىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش كېرەك.

  ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ تاۋار يەرمەنكىسى، كۆرگەزمە، سودا يەرمەنكىسى، مال سېتىۋېلىش بايرىمى، مىللىي ئۆرپ-ئادەت بايرىمى، داڭلىق ماركا كۆرگەزمىسى، ئۆزگىچە بازار قاتارلىق پائالىيەتلەرنى سىياسەت جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كۆرگەزمە ئىستېمالىنى يەنىمۇ كېڭەيتىشىگە ئىلھام بېرىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ