خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قانچە سىياسەت، تەدبىرلىرى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «تەدبىر» دېيىلىدۇ)نى تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ جايلار، تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.
ئورگان، كەسپىي ئورۇنلار توختامغا خىلاپلىق قىلىپ، كېلىشىمنى بۇزسا، مەملىكەت بويىچە ئىناۋەت ئۇچۇرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش سۇپىسى (شىنجاڭ)غا كىرگۈزۈلىدۇ
«تەدبىر»دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ھۆكۈمەتنىڭ ۋەدىگە سەمىمىي ئەمەل قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر سىياسەت ۋەدىسى ۋە قانۇن بويىچە تۈزۈلگەن توختامنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى لازىم، ھۆكۈمەت ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ سەۋەبىدىن بازار تىجارىتى سۇبيېكتىغا زىيان سالغان بولسا، قانۇن بويىچە تۆلەپ بېرىشى ياكى مۇناسىپ تۆلەم بېرىشى كېرەك. ھۆكۈمەتنىڭ ئىناۋەت ئۇچۇرىنى خاتىرىلەش ۋە ئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرىدا لەۋزىدە تۇرمىغانلارنى خاتىرىلەش ۋە جازالاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئورگان، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ توختامغا خىلاپلىق قىلىش، كېلىشىمنى بۇزۇش، پۇلنى نېسى قالدۇرۇش، قانۇن يۈرگۈزۈش ھۆكۈمىنى ئادا قىلىشنى رەت قىلىش قاتارلىق لەۋزىدە تۇرمىغان ئۇچۇرلىرىنى مەملىكەت بويىچە ئىناۋەت ئۇچۇرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش سۇپىسى (شىنجاڭ)غا كىرگۈزۈش كېرەك. ئىناۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، لەۋزىدە تۇرماسلىق خاتىرىسىنى بەلگىلىمە بويىچە ۋاقتىدا ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك.
شىنجاڭ: قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپتىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىشنى، تىجارەتنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ، «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەپ» قانۇن ئىجرا قىلىش قەتئىي چەكلىنىدۇ
«تەدبىر»دە مەمۇرىي ھوقۇقنىڭ قېلىپلىق يۈرگۈزۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. مەمۇرىي ئۆلچەش ھوقۇقى ئۆلچىمى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆزى بىلگەنچە قانۇن ئىجرا قىلىش، ئوخشاش دېلولاردا ئوخشىمىغان جازالاش، زىيادە جازالاش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. يەرلىك نىزام، ھۆكۈمەت قائىدىسىدە بەلگىلەنگەن جەرىمانە قويۇش قاتارلىق مەمۇرىي جازالارنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مەمۇرىي قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەردە قانۇنغا خىلاپ ھالدا جەرىمانە قويۇشنى تەسىس قىلىشنى قەتئىي مەنئى قىلىپ، جەرىمانە قويۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇش، جەرىمانىنى باشقۇرۇش ئورنىغا دەسسىتىش، پايدىنى كۆزلەپ قانۇن ئىجرا قىلىش قاتارلىق قىلمىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ۋە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىشقا خىلاپ قىلمىشلار بويىچە تىپىك دېلو مىساللىرىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش كېرەك. كارخانىلارغا چېتىلىدىغان سىياسەتلەرنى تەڭشەش تەرتىپىنى قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە ئادا قىلىپ، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىنى ئاساس قىلىپ تەڭشەشكە توغرا كەلسە ئەمەلىيەتكە ئاساسەن مۇۋاپىق ئۆتكۈنچى مەزگىل بەلگىلەش كېرەك. قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپتىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتنى توختىتىشنى تەلەپ قىلىش، «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش»، «ھەرىكەت شەكلىدە» قانۇن ئىجرا قىلىشنى قەتئىي چەكلەش كېرەك.
2027-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، يەككە سودا-سانائەتچىلەردىن «ئالتە باج، ئىككى ھەق»نىڭ يېرىمى كېمەيتىپ ئېلىنىدۇ
«تەدبىر» دە كارخانىلارنىڭ باج-ھەق يۈكىنى يېنىكلىتىش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. 2027-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە قوشۇلما قىممەت بېجى كىچىك كۆلەمدىكى باج تاپشۇرغۇچى، كىچىك تىپتىكى ئاز پايدا ئالىدىغان كارخانىلار ۋە يەككە سودا-سانائەتچىلەردىن «ئالتە باج، ئىككى ھەق»نىڭ يېرىمى كېمەيتىپ ئېلىنىدىغانلىقى، ئايلىق سېتىش سوممىسى 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن قوشۇلما قىممەت بېجى تاپشۇرىدىغان كىچىك كۆلەمدىكى باج تاپشۇرغۇچىلاردىن قوشۇلما قىممەت بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدىغانلىقى، يەككە سودا-سانائەتچىلەرنىڭ يىللىق باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت سوممىسى 2 مىليون يۈەندىن ئاشمىغان قىسمىدىن شەخسىي تاپاۋەت بېجىنىڭ يېرىمى كېمەيتىپ ئېلىنىدىغانلىقى بەلگىلەندى. نۇقتىلىق كىشىلەر توپىدىن يەككە تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغانلىرىغا تەرتىپ بويىچە تۇتۇپ قېلىنىدىغان قوشۇلما قىممەت بېجى قاتارلىق باجلارنىڭ چەكلىك سوممىسى ھەر بىرىگە يىلىغا 14 مىڭ 400 يۈەندىن 24 مىڭ يۈەنگە تەڭشىلىدۇ. پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ۋە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىك ئاپپاراتلىرى كىچىك، مىكرو كارخانىلار ۋە يەككە سودا-سانائەتچىلەرگە ئاز سوممىلىق قەرز پۇل تارقىتىپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كېپىللىكى بىلەن تەمىنلىسە قوشۇلما قىممەت بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان يېڭى قۇرۇلغان پەن-تېخنىكا تىپىدىكى كارخانىلارنىڭ سالغان مەبلىغىنىڭ %70 ى بويىچە باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت سوممىسى توغرىلاپ چىقىرىۋېتىلىدۇ. ئىشسىزلىق سۇغۇرتا ھەققى نىسبىتىنى باسقۇچلۇق تۆۋەنلىتىش سىياسىتى داۋاملىق يولغا قويۇلۇپ، يولغا قويۇش مۇددىتى 2024-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇزارتىلىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى