خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 21-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى ۋېنزۇ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشقا چېتىلغانلىقتىن، ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بىلەن رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈشى ۋە رېۋىزىيە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ.
لى ۋېنزۇنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
لى ۋېنزۇ، ئەر، خەنزۇ، بارىكۆل ناھىيەسىدىن، 1962-يىل 7-ئايدا تۇغۇلغان، 1982-يىل 7-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1987-يىل 4-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، ئالىي مەكتەپ مەلۇماتىغا ئىگە. ش ئۇ ئا ر يېزا ئامانەت-قەرز كوپېراتىپى بىرلەشمىسى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىرى، تيانشان يېزا سودا بانكىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىرى، شىنجاڭ بانكىسى پاي چەكلىك شىركىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئامانەت-قەرز كوپېراتىپى بىرلەشمىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، كېڭەش باشلىقى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ