مۇھىم خەۋەرلەر

كۆپ تارماق مېھمانسارايلاردىكى تېلېۋىزىيە مەشغۇلاتىنىڭ مۇرەككەپلىكىنى مەخسۇس تۈزەپ، تېلېۋىزورنى ئېچىپ بىۋاسىتە كۆرسىتىشنى كۆرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى

2024.04.17 15:21 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەت رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، جۇڭگو ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى بىلەن بىرلىشىپ، 4-ئاينىڭ 16-كۈنى مەملىكەت بويىچە مېھمانسارايلاردا تېلېۋىزىيە مەشغۇلاتى مۇرەككەپ بولۇشنى مەخسۇس تۈزەش بويىچە سەپەرۋەر قىلىش، ئورۇنلاشتۇرۇش تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، تېلېۋىزورنى ئېچىپ بىۋاسىتە كۆرۈش قانىلىنى ئېچىپ كۆرۈشنى مېھمانسارايلارنىڭ تېلېۋىزىيە ئىشلىرىنى تۈزەشنىڭ باش نىشانى قىلىپ، كىشىلەرنى كوماندىروپكىدا ياتاقتا ياتقاندا ئائىلىسىدىكىگە ئوخشاش قولايلىق تېلېۋىزىيە مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلىش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  مۇخبىرنىڭ يىغىندىن ئىگىلىشىچە، تېلېۋىزورنى ئېچىپ بىۋاسىتە كۆرۈشنى مېھمانساراي تېلېۋىزىيە ئىشلىرىنى تۈزەشنىڭ ئاساسىي تەلىپى قىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئاساسىدا، مېھمانساراي تېلېۋىزىيەسىنىڭ ئالاھىدىلىكىمۇ تولۇق ئويلىشىلىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ تېلېۋىزوردا بىۋاسىتە كۆرسىتىشنى كۆرۈشىگە ئەڭ زور دەرىجىدە قولايلىق يارىتىش بىلەن بىللە، يەنە مېھمانساراينىڭ ئۇچۇر مۇلازىمىتى ئېھتىياجىغىمۇ تەڭ ئېتىبار بېرىلىدىكەن.

  يىغىننىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، بۇ يىل مېھمانسارايلاردىكى تېلېۋىزورلارنى تۈزەش خىزمىتىنىڭ باسقۇچلۇق ۋەزىپىلىرىنى تاماملاش ئاساسىدا، مېھمانسارايلارنىڭ تېلېۋىزىيە سىگنال مەنبەسىنى تۈزەشنى قېلىپلاشتۇرۇش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، مېھمانسارايلارنىڭ بىخەتەرلىك، ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلۈپ، تېلېۋىزىيە سىگنالىنىڭ بىخەتەر، ئەلا سۈپەتلىك يەتكۈزۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، مېھمانسارايلارنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى يۇقىرى سۈزۈكلۈك تېخنىكىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، تېلېۋىزىيە ئۈسكۈنىلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، سىگنال يەتكۈزۈشنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، مېھمانساراي تېلېۋىزورىنىڭ سۈرەت سۈپىتى ۋە ئېنىقلىق دەرىجىسىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈپ، ساياھەتچىلەرنى يۇقىرى سۈپەتلىك دەرىجىدىن تاشقىرى يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى ئۈن-سىن مەزمۇنى بىلەن تەمىنلەپ، ئابۇنىچىلارنىڭ كۆرۈش تۇيغۇسىنى ئۆستۈرۈشىگە ئىلھام بېرىلىدىكەن.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ