مۇھىم خەۋەرلەر

«دېڭىز ساھىلىدا يوقاپ كەتكەن قىزنىڭ دادىسى ئۆگەي» دېگەن چاتما پىتنە-ئىغۋانى كۆپتۈرگەن شايكا 40 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پايدىغا ئېرىشكەن، شاڭخەي ساقچىلىرى: جاۋابكارلىققا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى

2024.04.17 15:20 مەنبە: خەلق تورى

  مۇخبىرنىڭ 16-ئاپرېل شاڭخەي ساقچى دائىرىلىرىدىن ئىگىلىشىچە، «پۇدۇڭ دېڭىز ساھىلىدا يوقاپ كەتكەن قىز بالىنىڭ دادىسى ئۆگەي» دېگەن چاتما پىتنە-ئىغۋالارنى توقۇپ چىققان پىتنىخورلار شايكىسى قانۇن بويىچە جاۋابكارلىققا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن.2023-يىلى شاڭخەي پۇدۇڭ دېڭىز ساھىلىدا يۈز بەرگەن قىز بالىنىڭ يوقاپ كېتىش ۋەقەسىدە، بىر پىتنىخورلار شايكىسى «ماۋزۇچىلار»، «چۆچۈتكۈچىلەر» شەكلىدە، يامان غەرەزدە «قىزنىڭ دادىسى ئۆگەي»، «قىز ۋېنجۇغا ئېلىپ كېتىلدى» دېگەندەك بىر قاتار پىتنە-ئىغۋالارنى توقۇپ چىققان ھەمدە تور ھېسابات نومۇرىنى تۈركۈملەپ رويخەتكە ئالدۇرۇش ئارقىلىق يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تارقىتىپ كۆپتۈرگەن، كۆرۈلۈش مىقدارى مىليوندىن ئاشقان بۇ شايكا بۇ ۋەقەنى كۆپتۈرۈش ئارقىلىق 40 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق قانۇنسىز پايدا ئالغان.

  ساقچىلار ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ شايكىنىڭ يەنە مەملىكەت خاراكتېرلىك تۈرلۈك ئىجتىمائىي قىزىق نۇقتىلارنى چۆرىدەپ، ھەرقايسى چوڭ سۇپىلارغا كۆپ قېتىم مەزمۇن يوللاپ، ساختا سەلبىي ئۇچۇرلارنى كۆچۈرۈپ تارقىتىپ، قانۇنسىز مەنپەئەتكە ئېرىشكەنلىكىنى بايقىغان. ھازىر بۇ شايكىنىڭ 12 ئەزاسى قانۇن بويىچە جاۋابكارلىققا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى، دېلوغا چېتىشلىق ئالاقىدار تور ھېسابات نومۇرى پۈتۈنلەي پېچەتلەندى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ