مۇھىم خەۋەرلەر

ۋاڭ يى ھىندونېزىيە، كامبودژا، پاپۇئا يېڭى گىۋىنىيەسىدە زىيارەتتە بولىدۇ، جۇڭگو بۇ قېتىمقى زىيارەت توغرىسىدىكى ئويىنى تونۇشتۇردى

2024.04.17 15:11 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لىن جيەن 16-چېسلا مۇنۇلارنى جاكارلىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى 18-ئاپرېلدىن 23-ئاپرېلغىچە تەكلىپكە بىنائەن ھىندونېزىيە، كامبودژا، پاپۇئا يېڭى گىۋىنىيەسىدە رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ ھەمدە جۇڭگو-ھىندونېزىيە يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتى ھەمكارلىق مېخانىزمىنىڭ 4-قېتىملىق يىغىنى، جۇڭگو-كامبودژا ھۆكۈمەتلەر ئارا ماسلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 7-قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچىدۇ.

  دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ ھىندونېزىيە، كامبودژا ۋە پاپۇئا يېڭى گىۋىنىيەسىدە زىيارەتتە بولۇش ئويى ۋە جۇڭگونىڭ ئۈمىدىنى تونۇشتۇرغاندا، لىن جيەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن ھىندونېزىيە، كامبودژا ۋە پاپۇئا يېڭى گىۋىنىيەسى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا جايلاشقان، ئوخشاشلا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، باراۋەر ئاساستا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھلار. دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ دىپلوماتىيە ئىستراتېگىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو بىلەن ئۈچ دۆلەت مۇناسىۋىتى كۈچلۈك تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلىدى. جۇڭگو تەرەپ ھىندونېزىيە، كامبودژا بىلەن قول تۇتۇشۇپ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، پاپۇئا يېڭى گىۋىنىيەسى بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇردى.

  لىن جيەن مۇنداق دېدى: جۇڭگو تەرەپ بۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئۈچ دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇپ، جۇڭگو-ھىندونېزىيە، جۇڭگو-كامبودژا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختىلىنىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو-پاپۇئا يېڭى گىۋىنىيەسى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشۇپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو ئۈچ دۆلەت ۋە رايوندىكى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تىنچلىق، خاتىرجەملىكنى قوغداپ، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ