مۇھىم خەۋەرلەر

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى: جازالاشقا تېگىشلىكلىرىنى قانۇن بويىچە جازالاش كېرەك!

2024.04.17 15:06 مەنبە: خەلق تورى

  مۇخبىرنىڭ 16-چېسلا ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن بولۇپ، مەكتەپتىكى زوراۋانلىق مەسىلىسىگە سەل قاراشقا بولمايدىكەن. يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش سانى ئومۇمىي جەھەتتىن كۆپىيىشكە قاراپ يۈزلەندى، خەلق سوت مەھكىمىسى 2021-يىلىدىن 2023-يىلىغىچە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش دېلوسىدىن جەمئىي 73 مىڭ 178 نى سوت قىلىپ ئاياغلاشتۇردى، قۇرامىغا يەتمىگەن 98 مىڭ 426 جىنايەتچىگە ھۆكۈم چىقاردى، بۇ ئوخشاش مەزگىلدىكى بارلىق جىنايى ئىشلار جىنايەتچىلىرىنىڭ %2 ىدىن %2.5 ىنى ئىگىلەيدۇ.

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 12 ياشقا توشقان، 14 ياشقا توشمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قاتىللىق قىلىش، ئېغىر زەخىملەندۈرۈش جىنايىتىگە قارىتا، 2021-يىل 3-ئايدا جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسى ( 11) يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، خەلق سوت مەھكىمىسى بۇ تۈردىكى 4 دېلودىكى 4 ئادەمنى سوت قىلىپ ئاياغلاشتۇرغان، جىنايەتچىلەرنىڭ يېشى 12 ياشتىن 13 ياشقىچە بولۇپ، قانۇن بويىچە 10 يىلدىن 15 يىلغىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: خەلق سوت مەھكىمىسى قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىگە قارىتا «تەربىيە بېرىش، تەسىرلەندۈرۈش، قۇتقۇزۇۋېلىش» فاڭجېنى ۋە «تەربىيەنى ئاساس، جازالاشنى قوشۇمچە قىلىش» پىرىنسىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان سوت قىلىش ئۇسۇلىنى پائال قوللىنىپ، سوت قىلىشنىڭ ھەم ئازغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى جازالايدىغان سوراقخانا بولۇشى، ھەم قۇتقۇزۇش تەربىيەسى قىلىدىغان دەرسخانا بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. جازا جەھەتتە «كەڭ قورساق بولۇش، لېكىن ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇپ، سۇبيېكتىپ قەبىھلىكى چوڭقۇر، زىيىنى ئېغىر بولغان، بولۇپمۇ قايتا-قايتا تەربىيە بەرسىمۇ ئۆزگەرمىگەنلەردىن جازالاشقا تېگىشلىكلىرىنى قانۇن بويىچە جازالاپ، ئىبرەت تەربىيەسىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا ئادىللىق، جەمئىيەتكە ئادىللىق كۆرسىتىش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ