مۇھىم خەۋەرلەر

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى: يېقىندا 12 ياشقا توشقان، 14 ياشقا توشمىغان قۇرامىغا يەتمىگەن تۆت نەپەر كىشىگە جازا ھۆكۈم قىلىندى

2024.04.17 15:00 مەنبە: خەلق تورى

  16-ئاپرېل، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، 12 ياشقا توشقان، 14 ياشقا توشمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈش، ئېغىر زەخىملەندۈرۈش جىنايىتىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇزاكىرە كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغاچقا، ھازىرغىچە، خەلق سوت مەھكىمىسى بۇ تۈردىكى تۆت دېلودىكى تۆت ئادەمنى سوتلاپ ئاخىرلاشتۇرغان، جىنايەت ئۆتكۈزگۈچىلەرنىڭ يېشى 12 ياشتىن 13 ياشقىچە بولۇپ، قانۇن بويىچە 10 يىلدىن 15 يىلغىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىدىكى ئالاقىدار كىشى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سوت قىلىش ھەم ئازغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى جازالاپ ئاگاھلاندۇرىدىغان سوراقخانىغا ئايلىنىشى، ھەم قۇتقۇزۇۋېلىش، تەربىيەلەش دەرسخانىسىغا ئايلىنىشى كېرەك. جازالاش جەھەتتە «كەڭ قورساق بولۇش، لېكىن يول قويماسلىق»تا چىڭ تۇرۇپ، سۇبيېكتىپ رەزىللىكى چوڭقۇر، زىيىنى ئېغىر، بولۇپمۇ قايتا-قايتا تەربىيە بەرسىمۇ تۈزەتمىگەنلەرنى قانۇن بويىچە جازالاپ، ئىبرەت تەربىيەسى رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا ئادىل مۇئامىلە قىلىپ، جەمئىيەتكە ئادىل مۇئامىلە قىلىش كېرەك.

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىدىكى ئالاقىدار كىشى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مەسىلە بار بالىنىڭ پەيدا بولۇشىدا ھەم ئائىلە سەۋەبى، ھەم ئىجتىمائىي سەۋەب بار، بۇ كۆپ خىل ئامىللارنىڭ ئۇنىۋېرسال تەسىرىنىڭ نەتىجىسى. بۇنىڭغا قارىتا، ئۆيلىنىش، ئائىلە ئىشلىرى، ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قاتارلىقلارغا دائىر دېلولارنى سوت قىلغاندا، ۋەسىيلىك مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىش ۋە تەربىيەلەش، يېتەكلەش خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئاتا-ئانىلارنى ۋەسىيلىك مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك.

  بۇنىڭدىن باشقا، «مەسىلە بار ئۆسمۈرلەر»نى تەربىيەلەپ تۈزەش تەرتىپى مەۋھۇم بولۇپ، نۇرغۇن قۇرامىغا يەتمىگەنلەر قانۇنغا خىلاپلىق قىلغاندىن كېيىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا قۇربى يەتمەسلىك، تۈزەش ئەمەلگە ئاشماسلىق ھالىتىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، نەتىجىدە كۆپ ھاللاردا قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قايتا-قايتا سادىر قىلىپ، ئاخىرىدا يامان ئاقىۋەت پەيدا قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈردى. مەسىلەن، مەلۇم بىر جايدىكى بىر دېلودا جاۋابكار ئىلگىرى بەش قېتىم گۇڭئەن ئورگىنى تەرىپىدىن مەمۇرىي جەھەتتىن توختىتىپ قويۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلىي ئىجرا قىلىنمىغان. يېشى كىچىك قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى مەخسۇس تۈزەش ئاپپاراتلىرىنىڭ كۈچى ئاجىز بولۇش ۋەزىيىتىنى تېزدىن ئۆزگەرتىپ، مەخسۇس مەكتەپ قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، مۇستەقىل ئۆسمۈرلەر ئەدلىيە سىستېمىسى قۇرۇشنى تەدرىجىي ئىلگىرى سۈرۈپ، جەمئىيەتكە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارنى سادىر قىلغان، لېكىن جىنايى ئىشلار جىنايىتى شەكىللەندۈرمىگەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى تېگىشلىك تۈزەش تەربىيەسىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ