مۇھىم خەۋەرلەر

بۇ يىل ئەتىيازدا مەدەنىيەت ـ ساياھەت ئىستېمالىنىڭ ھاياتىي كۈچى يېتەرلىك بولدى

مۇخبىرىمىز ۋاڭ كې

2024.04.08 10:50 مەنبە: خەلق تورى

  جياڭشى ۋۇيۈەندە بەس-بەستە ئېچىلغان قىچا چېچەكلىرى ئاق تام، قارا كاھىشلىق خۇيجوۋ ئۇسلۇبىدىكى ئىمارەتلەرگە ھۆسن قوشۇپ، ساياھەتچىلەرنى تاماشا قىلىش، چېچەك سەيلىسى قىلىشقا جەلپ قىلدى؛ خېنەن لوياڭدا مودەنگۈلنىڭ يېڭى سورتى «سەنيۆلەن» پورەكلەپ ئېچىلدى، مول، رەڭدار گۈللەر نۇرغۇن گۈلخۇمار دوستلارنى كېلىپ تاماشا قىلىشقا جەلپ قىلدى...

  چىڭمىڭ بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، تۇغقان يوقلاش، ساياھەت قىلىش، باھار سەيلىسى قىلىش قاتارلىق سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجى گىرەلىشىپ كەتتى. مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى سانلىق مەلۇمات مەركىزىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى ئۈچ كۈندە مەملىكەت بويىچە 119 مىليون ئادەم قېتىم دۆلەت ئىچى ساياھىتىگە چىققان بولۇپ، سېلىشتۇرما ئۆلچەم بويىچە 2019-يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن % 11.5 ئاشقان؛ دۆلەت ئىچىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەتكە چىقىش خىراجىتى 53 مىليارد 950 مىليون يۈەن بولۇپ، 2019-يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن % 12.7 ئاشقان.

  شاپتۇل چېچىكى، نەشپۈت چېچىكى، قىچا چېچىكى، مودەنگۈل...باھاردىكى چېچەك سەيلىسى مەدەنىيەت ـ ساياھەت بازىرىدىكى يارقىن يېڭى ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلاندى.

  سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 3-ئاي كىرگەندىن بۇيان، «چېچەك سەيلىسى»، «باھار سەيلىسى» ئىشىك بېلىتىنىڭ زاكاز مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن يەتتە ھەسسىگە يېقىن ئاشقان، چېچەك سەيلىسىگە ئالاقىدار مەھسۇلاتلارنىڭ زاكاز مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئۈچ ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشقان. مېيتۇەن تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى جىۋېي: «باھاردا چېچەك سەيلىسى قىلىپ، بۇ يىل ئەتىيازدا مەدەنىيەت ـ ساياھەت ئىستېمالىنىڭ ھاياتىي كۈچى تولۇپ تاشتى، بۇ ھەم مەدەنىيەت ـ ساياھەت ئىستېمالنىڭ غايەت زور يوشۇرۇن كۈچىنى نامايان قىلدى، شۇنداقلا مەدەنىيەت ـ ساياھەت ئىستېمالى دەرىجىسىنىڭ ئۆسكەنلىكىنىڭ بىر خىل ئىپادىسى» دېدى.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، مەدەنىيەت-ساياھەت ئىستېمالى ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، كۆلەم ئېشىش بىلەن بىللە، قۇرۇلما سىجىل خاسلىشىش، كۆپ خىللىشىشقا قاراپ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى. كىشىلەرنىڭ تەبىئەتكە يېقىنلىشىش، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئارام ئېلىش ئېھتىياجى ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، باھاردا چېچەك سەيلىسى قىلىش ساياھەت ۋە دەم ئېلىشتىكى قىزىق تاللاش بولۇپ قالدى.

  «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۆي جاھازلىرى، مەدەنىيەت-كۆڭۈل ئېچىش-ساياھەت، تەنتەربىيە مۇسابىقىسى، دۆلىتىمىز مېلى < مودا مەھسۇلات بولۇش> قاتارلىق ئىستېمالنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىلىرىنى پائال يېتىلدۈرۈش كېرەك. ھەرقايسى جايلار چېچەك سەيلىسى ئىستېمال ئېھتىياجىنىڭ يېڭى يۈزلىنىشىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، ئۆز جايىنىڭ كەسىپ ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىپ كۆپ خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، ساياھەتچىلەرنى تېخىمۇ مول تاماشا قىلىش تەسىراتى بىلەن تەمىنلەپ، كىشىلەرنىڭ ئىستېمال قىزغىنلىقىنى يەنىمۇ قوزغىدى.

  باھاردىكى چېچەك سەيلىسى تېخىمۇ مەدەنىيەت پۇرىقىغا ئىگە. خېنەن لوياڭدا، خەنفۇ كىيىپ گۈل دېڭىزىنى سەيلە قىلىش نۇرغۇن ياشلارنىڭ يېڭى مودىسىغا ئايلاندى. جياڭسۇ نەنجىڭدىكى موچوخۇ باغچىسىدا، «تاشئالما+دۆلەت ئۇسلۇبى» تاشئالما چېچىكى سەيلىسىدە، ئويما رەسىم، يەلپۈگۈچ رەسىم، ئۆسۈملۈك نۇسخىسى قاتارلىق ئەنئەنىۋى ھۈنەر-سەنئەت ھېس قىلىنىپ، كىشىلەرگە چېچەك سەيلىسى قىلىش بىلەن بىللە ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇردى. باھاردىكى چېچەك سەيلىسى كىشىنى تېخىمۇ مەپتۇن قىلىدۇ. جياڭشى ۋۇيۈەننىڭ يەنتيەن كەنتىدە، چېچەك سەيلىسى بويىچە ئىككى «كىچىك پويىز» ساياھەتچىلەرنى ئېلىپ قىچا ئېتىزىغا كېلىپ، چېچەك ھۇزۇرى بويىچە سۈرەتكە چۈشۈش تەسىراتىنى ھېس قىلدۇردى. يۈننەن دالىدا، ئائىلىۋى مېھمانخانىلارنىڭ ھويلىسىدا گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلغان بولۇپ، مېھمانلار ئۆيدىن چىقمايلا باھارنىڭ گۈزەللىكىنى ھېس قىلالايدۇ. ھەرقايسى جايلار باھار سەيلىسى قىلىش بىلەن دالىدا قونۇش، بازار، تەنتەربىيە قاتارلىق كەسىپ ھالەتلىرىنى يۇغۇرما تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۈچلۈك تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرىدىكەن. نۇرغۇن قىزىق نۇقتا مەنزىرە رايونلىرىدا، ئىجادىيلىققا باي گۈل-گىياھ ئەتراپىدىكى مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرى تەرەققىي قىلىپ بەلگىلىك كۆلەمگە ئىگە ئەتراپتىكى كەسىپكە ئايلاندى.

  يۈننەن ئۆلكىسى خۇڭخې خانى-يىزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كەييۈەن شەھىرىدە گۈل-گىياھ كەسپى پۇقرالارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى. كەييۈەن رەقەملىك گۈل-گىياھ پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى سۇپىسى گۈلچىلەرنىڭ دەل جايىدا ئۆستۈرۈپ، زىرائەتلەرنىڭ ھوسۇلى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بەردى. كەييۈەن شەھىرى جىخۇا بازىرى بەرپا قىلغان گۈل-گىياھ تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئۆستۈرۈش رايونى، كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشى مۇلازىمەت رايونى، كەنتلەر تەسىر كۆرسىتىپ تۈرتكە بولۇش رايونىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ بۆلەك ئۇرۇق مەنبەسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە مايسا يېتىشتۈرۈشكە تۈرتكە بولغاندىن سىرت، سودا كۆرگەزمە مەركىزى، گۈل مېھمانسارىيى، خاس سودا كوچىسى قاتارلىق كەسىپ ھالەتلىرىنى يۇغۇرۇپ، بىر مىليون ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى.

  مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق تەكلىپ بەردى: كۆپ خىللىق، خاسلىق ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلەپ، تەبىئىي مەنزىرە بىلەن ئادىمىيەت بايلىقىنى تېخىمۇ ياخشى بىرلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يەككە گۈل سەيلىسى ساياھىتىدىن ئاتا-ئانىلار ۋە بالىلار تەتقىقات-ئۆگىنىش، سەھرا ئىستىراھىتى، كۈتۈنۈش-دەم ئېلىش قاتارلىق كۆپ مەنبەلىك ساياھەت، چوڭقۇر ساياھەتكە ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىستېمالنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ كۈچ قوشۇش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ