مۇھىم خەۋەرلەر

شاڭخەي يۈندا يۈك توشۇش چەكلىك شىركىتى سۆھبەتلىشىشكە چاقىرىلدى

دۆلەت پوچتا ئىدارىسى شاڭخەي يۈندا يۈك توشۇش چەكلىك شىركىتى بىلەن سۆھبەتلەشتى

2024.04.03 14:16 مەنبە: خەلق تورى

  4-ئاينىڭ 2-كۈنى، دۆلەت پوچتا ئىدارىسى بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەھكىمىسى جېجياڭ يىۋۇدىكى يۈندا تېز يەتكۈزۈش كارخانىسىنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئابۇنىچىلارنىڭ مال قايتۇرۇش مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلغانلىقى توغرىسىدا، يۈندا تېز يەتكۈزۈش باش ئىشتابى شاڭخەي يۈندا يۈك تىرانسپورت چەكلىك شىركىتى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئۇلارنى ئۆزىگە قاراشلىق مۇلازىمەت تورىنى بىرتۇتاش باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ مەسىلىلەرنى دەرھال تۈزىتىپ، ئابۇنىچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشقا بۇيرۇدى ھەمدە يىۋۇ يۈندا بېييۈەن تور نۇقتىسىنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئابۇنىچىلارنىڭ مال قايتۇرۇش مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىپ، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشىغا پائال ماسلىشىشنى تەلەپ قىلدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ