مۇھىم خەۋەرلەر

مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ غەيرىي مائارىپ، ئوقۇتۇش يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىش كېرەك

2024.04.03 14:14 مەنبە: خەلق تورى

  مۇخبىرنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتى مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2024-يىلى ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلى تەربىيەسى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، ئوقۇتقۇچىلار كەسپىي ھەرىكىتىنىڭ ئون تۈرلۈك مىزانىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلىدۇ. ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تۆۋەن چەكنى باشقۇرۇش، كونترول قىلىش ۋە مەسئۇلىيەتنى يەتكۈزۈشنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقىغا خىلاپلىق قىلغانلارنى جازالاش، ئاگاھلاندۇرۇش تەربىيەسى بېرىش، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ ئاشكارىلاش قاتارلىق ئالاقىدار تۈزۈملەر ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى «دۆلەت ئەلا پىلانى»نى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان مەكتەپلەرنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلار مائارىپىنى قانات يايدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، مىنىستىرلىققا قاراشلىق پېداگوگىكا ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ ئۆز تەتقىقاتىنى جىپسىلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن پېداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرى مائارىپىنى قانات يايدۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  ئاساسىي مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ پۇتبول ۋە ئىلىم-پەن ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مۇزىكا، تەنتەربىيە، گۈزەللىك ۋە ئەمگەك ۋە پىسخىك ساغلاملىق تەربىيەسى ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەشنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇش كېرەك.رەقەملەشكەن ئېنېرگىيە بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنى ئىلگىرى سۈرۈش. رەقەملەشكەن ئېنېرگىيە بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ رەقەملىك ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنى يولغا قويۇش كۆرسەتمىسىنى تۈزۈپ، يەرلىكنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنى رەقەملەشكەن ساپا بويىچە تەربىيەلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ رەقەملىك ساپاسىنى باھالاشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك.

  دۆلەتنىڭ 60 ياشتىن يۇقىرى ئوقۇتقۇچىلار ھەرىكەت پىلانىنى ياخشى تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، دۆلەتنىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى نۇقتىلىق ياردەم بېرىدىغان ناھىيەلەردىكى مائارىپ ئىختىساسلىقلىرىغا «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دە ياردەم بېرىش-يۆلەش خىزمىتى، «ئۈچ رايون»دىكى ئىختىساسلىقلارنى قوللاش پىلانى ئوقۇتقۇچىلار مەخسۇس پىلانى، «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دىكى شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان مائارىپ ئىختىساسلىقلىرىنى تاللاپ ئەۋەتىش خىزمىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋانىنى باھالاش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچىلارنى باھالاشنى تۈرگە، قاتلامغا بۆلۈپ ئەلالاشتۇرۇش كېرەك.

  نوپۇسنىڭ ئۆزگىرىش يۈزلىنىشىگە تاقابىل تۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلار بايلىقىنى تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش كىرىم سەۋىيەسى شۇ جايدىكى مەمۇرلارنىڭ ئوتتۇرىچە مائاش كىرىم سەۋىيەسىدىن تۆۋەن بولماسلىق نەتىجىسىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەش كېرەك. ئىجتىمائىي ئىشلارنى مەكتەپلەرگە كىرگۈزۈش بويىچە مەخسۇس تۈزەشنى قانات يايدۇرۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ غەيرىي مائارىپ، ئوقۇتۇش يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ