مۇھىم خەۋەرلەر

دوۋيىننىڭ ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش ئەسكەرتىشى: يۈرەك بەرسىلا پۇل تاپقىلى بولامدۇ؟ ئالدامچىلارنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈشتىن ئېھتىيات قىلىڭ

2024.04.03 14:11 مەنبە: خەلق تورى

  يېقىندا، دوۋيىن «ساختا زاكاز چۈشۈرۈش، يۈرەك بېرىش، ۋاكالىتەن قىسقا فىلىم تارقىتىش قاتارلىق قوشۇمچە ئالدامچىلىق توغرىسىدىكى ئەسكەرتىش»نى ئېلان قىلىپ، بىر قىسىم ھېسابات نومۇرلىرىنىڭ شەخسىي خەت يېزىش، توپ پاراڭلىشىش ئىچىدە قوشۇمچە خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئۇچۇرلىرىنى مەركەزلىك ئېلان قىلغانلىقىنى، بۇ ساختا زاكاز چۈشۈرۈش، يۈرەك بېرىش، ۋاكالىتەن قىسقا فىلىم تارقىتىش قاتارلىق كۆپ خىل تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى بىلەن ئالاقە ئورناتقاندىن كېيىن، ئاز سوممىلىق ھەق ئېلىش ئارقىلىق قارشى تەرەپنى 3-تەرەپ APP غا پۇل يۆتكەش، پۇل قاچىلاشقا يېتەكلەپ، ئاخىرىدا ئادەمنى مال-مۈلۈك زىيىنىغا ئۇچرىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  دوۋيىن كەڭ ئابۇنىچىلارغا شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، تۈرلۈك توردا قوشۇمچە خىزمەت قىلىش ئۇچۇرلىرىدىن ھوشيار بولۇش، بولۇپمۇ ئۈچىنچى تەرەپ APP نى چۈشۈرۈپ، رەنە پۇلى ياكى كاپالەت پۇلى تاپشۇرۇش، نامدا قىممەت تولۇقلاپ كىرىم سوممىسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللارغا يولۇققاندا مەشغۇلاتنى ۋاقتىدا توختىتىش كېرەك.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سۇپىمۇ بۇ خىل ئالدامچىلىق قىلمىشىغا داۋاملىق زەربە بەرگەن بولۇپ، 2024-يىل 1-ئايدىن 2-ئايغىچە قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەش، ساختا زاكاز چۈشۈرۈش قاتارلىق ئالدامچىلىق قىلمىشلىرىغا چېتىشلىق ھېسابات نومۇرى 160 مىڭدىن ئېشىپ، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئېلان قىلىنغان ساختا ئېلىم-بېرىم خەۋپ-خەتەر ئەسكەرتمىسى 3000 دىن ئېشىپ، 96110 ئارقىلىق ئابۇنىچىلارنى 40 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق ئەسكەرتتى.

  دوۋيىن بىخەتەرلىكى كۆپچىلىككە شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، سۇپىدا بىنورمال قىلمىشلارنى بايقىسا، تور بېكەت ئىچى ياكى پوچتا ساندۇقى ئارقىلىق پاش قىلسىڭىز بولىدۇ، دوۋيىن بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلار ۋە ناچار مەزمۇنلارنى داۋاملىق تۈزەيدۇ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە چېتىلىدىغان يىپ ئۇچىنى گۇڭئەن ئورگىنىغا مەلۇم قىلىپ، كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە «تور بىخەتەرلىكى»نى قوغدايدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ