2023-يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى شەھەر - بازار ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 49 مىڭ 34 يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 6.0 ئاشتى
2024.04.03 14:08 مەنبە: خەلق تورى
4- ئاينىڭ 1- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 2023 - يىللىق ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئىستاتىستىكا ئاخباراتىنى ئېلان قىلدى. پۈتۈن بىر يىلدا شەھەر - بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 49 مىڭ 34 يۈەنگە يېتىپ، ئالدىنقى يىلدىكىدىن %6 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە: مائاش خاراكتېرلىك كىرىمى 29 مىڭ 334 يۈەن بولۇپ، %7.8 ئاشقان؛ تىجارەت ساپ كىرىمى 2978 يۈەن بولۇپ، %14.1 ئاشقان؛ مال ـ مۈلۈك ساپ كىرىمى 2690 يۈەن بولۇپ، %2.7 تۆۋەنلىگەن؛ يۆتكەش ساپ كىرىمى 14 مىڭ 32 يۈەن بولۇپ، %2.5 ئاشقان.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
![](/mediafile/201904/15/F201904151632137296700953.jpg)
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ