مۇھىم خەۋەرلەر

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىلەرنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى

2024.04.03 08:51 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قارارىغا ئاساسەن، تۆۋەندىكى چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ئەلچىلەرنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى ۋە ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى:

  1. سۈن خەييەن (ئايال) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سىنگاپور جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى؛

  ساۋ جۇڭمىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سىنگاپور جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلەندى.

  2. گو شياۋمېي (ئايال) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ماداغاسقار جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى؛

  جى پىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ماداغاسقار جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلەندى

  3. گۇڭ تاۋ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئانگولا جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى؛

  جاڭ بىن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئانگولا جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلەندى.

  4. ۋېي چياڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پاناما جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى؛

  شۈ شۆيۈەن (ئايال) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پاناما جۇمھۇرىيىتىدە تۇرۇشلۇق ئالاھىدە تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىلىكىگە تەيىنلەندى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ