مۇھىم خەۋەرلەر

خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى لى يىڭ: كونا ئولتۇراق رايوندا زەرەتلىگۈچ ئورۇنلاشتۇرۇش، تەكشۈرۈپ تەستىقلاشتا ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش تەكلىپىنى بېرىمەن

2024.03.12 15:58 مەنبە: خەلق تورى

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، كونا مەھەللىلەردە يېڭى ئېنېرگىيەلىك زەرەتلىگۈچ ئورنىتىش تەس بولۇش مەسىلىسى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. بۇ قېتىمقى ئىككى يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، گۇيجوۋ ئۆلكىسى زۈنيى شەھىرى خۇيچۇەن رايونى شىما يولى كوچا باشقارمىسى رېنخېيۈەن مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لى يىڭ «كونا ئولتۇراق رايونىدا زەرەتلىگۈچ ئورنىتىش ۋە ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگىتىش توغرىسىدىكى تەكلىپ»نى ئېلىپ كەلدى.

  لى يىڭ ئالدى بىلەن باشقۇرۇش مۇناسىۋىتىنى راۋانلاشتۇرۇپ، باشلامچى ئورۇن ۋە ئەزا ئورۇنلارنىڭ كونكرېت مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، باشقۇرىدىغان ئادەم بولماسلىق، ئۆزئارا مەسئۇلىيەتنى ئىتتىرىش ئەھۋالىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەكلىپىنى بەردى. مەسىلەن: ئولتۇراق رايوندا زەرەتلىگۈچ ئورنىتىشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش رەسمىيىتى ۋە بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتىنى قايسى تارماقنىڭ مەسئۇل بولۇپ يولغا قويىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ھەمدە ئالاقىدار فۇنكسىيەلىك تارماقلار( تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى ياكى ئوت ئۆچۈرۈش )نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئولتۇراق رايوننىڭ ئاممىۋى رايونىغا توك قاچىلاش رايونى تەسىس قىلىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئوت ئۆچۈرۈش ئەسلىھەلىرىنى تولۇقلاپ، شۇ ئارقىلىق ئاھالىلەرنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك.

  لى يىڭ مۇنداق دېدى: «ئاھالىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، مەيلى قەيەردە ئولتۇرسۇن، ئەگەر يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل سېتىۋالغان بولسا، زەرەتلىگۈچ بىر خىل ئېھتىياج دېيىشكە بولىدۇ. ئۇنى قۇراشتۇرۇش مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلغاندا، مەھەللە ئاھالىلىرىنى تېخىمۇ كۈچلۈك بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىپلا قالماي، بىزنىڭ ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بازار تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىمىزدا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە».

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ