يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ پىسخىك ساغلاملىق مەسىلىسى كۈنسېرى گەۋدىلىك بولماقتا. بۇ يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئەنخۇي ئۆلكىلىك يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاۋ ۋەنپىڭ «ھاياتلىق تەربىيەسىنى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىكىگە كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپ»نى ئوتتۇرىغا قويدى.
جاۋ ۋەنپىڭ مۇنداق دەپ قارىدى: نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ مائارىپ سىستېمىسىدا ئەقلىي ئىقتىدارنى ئېچىش ۋە تەربىيەلەشكە بىرقەدەر ئەھمىيەت بېرىلىۋاتىدۇ، ھاياتلىق تەربىيەسىگە ئەھمىيەت بېرىش يېتەرلىك ئەمەس. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش، ھايۋانلارنى خورلاش قاتارلىق ۋەقەلەر پات-پات يۈز بېرىپ تۇرۇۋاتىدۇ، كەڭ ياش-ئۆسمۈرلەر ھاياتنىڭ ئەھمىيىتىنى تېخى تولۇق چۈشەنمەيدۇ. شۇڭا، ھاياتلىق تەربىيەسىنى دەرسلىك ماتېرىيالىغا كىرگۈزۈش ئىنتايىن زۆرۈر.
جاۋ ۋەنپىڭ بالىلارغا كىچىكىدىن باشلاپ خەت تونۇغاندەك، كىچىكىدىن تارتىپلا نېمىنىڭ ھاياتلىق، نېمىنىڭ ئۆلۈم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش تەكلىپىنى بەردى. ھاياتلىق تەربىيەسىنى مەكتەپنىڭ ئاساسىي دەرس سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، ھاياتلىق ۋە ساغلاملىق، ھاياتلىق ۋە بىخەتەرلىك، ھاياتلىق ۋە ئۆسۈپ يېتىلىش قاتارلىق ئاساسىي تېمىلىق تەربىيەنى قانات يايدۇرۇش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، «ھاياتلىق غەمخورلۇقى» مائارىپ ئاساسىي تېمىسىنى ئوقۇتقۇچىلارنى داۋاملىق تەربىيىلەش دەرسلىكىگە كىرگۈزۈپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ھاياتلىق تەربىيەسى ئېڭى ۋە ئوقۇتۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش تەكلىپىنى بەردى.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ