مۇخبىرنىڭ ج خ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، «8-مارت» خەلقارا ئاياللار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ج خ مىنىستىرلىقى، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ج خ ئورگانلىرىدىكى نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك 100 ئايال خەلق ساقچىسى، 100 ياخشى ساقچى يەڭگە، ساقچىلارنى سۆيىدىغان 99 ئانىنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەقدىرلەشنى قارار قىلغان.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ج خ ئورگانلىرى ۋە كەڭ ج خ خەلق ساقچىلىرى سىياسىي بىخەتەرلىكنى قوغداش، جەمئىيەتنىڭ تىنچلىقىنى قوغداش، خەلقنىڭ خاتىرجەملىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. خىزمەت جەريانىدا، كەڭ ج خ ئايال ساقچىلىرى ئائىلىسىدىن كېچىپ، كۆپچىلىكنىڭ غېمىنى يەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق يېڭى دەۋر ئاياللىرىنىڭ بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتىنى نامايان قىلىپ، ئاياللارنىڭ ئېسىل، يارقىن سەھىپىسىنى ياراتتى. كەڭ ساقچى يەڭگىلەر ۋە ئانىلار خەلق ساقچىلىرىدىن قىلچە ئاغرىنماي، ئۇلارنى چۈشىنىپ ۋە قوللاپ، ئۇلارنى جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىش، تۆھپە يارىتىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئەخلاق-پەزىلەتنى ئۇلۇغلاپ ياخشىلىققا ئىنتىلىش، چوڭلارغا ۋاپادار بولۇش، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا كۆيۈنۈش، سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش، ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئائىلە باشقۇرۇشتەك ئەنەنىۋى گۈزەل ئەخلاق ۋە ياخشى ئائىلە ئىستىلىنى تولۇق نامايان قىلدى.
ج خ مىنىستىرلىقى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ج خ خەلق ساقچىلىرى، بولۇپمۇ ئايال خەلق ساقچىلىرىنى تەقدىرلەنگەن شەخسلەرنى ئۈلگە قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن يېڭى دەۋردىكى بۇرچ، ۋەزىپىنى سادىقلىق بىلەن ياخشى ئادا قىلىپ، تىرىشىپ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ج خ كۈچىنى تەقدىم قىلىشقا چاقىرىق قىلدى. كەڭ ج خ خەلق ساقچىلىرى ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ ج خ خىزمىتىنى بۇرۇنقىدەك چۈشىنىپ، كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە قوللاپ، ئاڭلىق ھالدا ج خ خەلق ساقچىلىرىنىڭ كۈچلۈك ئارقا تىرىكى بولۇپ، ج خ خىزمىتىدە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش ئۈچۈن ئورتاق يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ