ياڭ ياڭ: تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەشتىكى تەنتەربىيە ئىمتىھانىنىڭ مەقسىتى ئىمتىھان ئەمەس، بەلكى ئوقۇغۇچىلارنى تەنتەربىيەگە قىزىقتۇرۇش
2024.03.08 15:23 مەنبە: خەلق تورى
بۇ يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى ياڭ ياڭ «ئوقۇغۇچىلارنىڭ پىسخىكا ساغلاملىقىغا ئەھمىيەت بېرىپ، تەنتەربىيەنىڭ ساغلاملىقنى كۈچەيتىش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەنتەربىيە پائالىيىتىگە كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدىكى تەكلىپ»نى ئېلىپ كەلدى.
ياڭ ياڭ تەكلىپتە تەنتەربىيە ھەرىكىتى بىلەن پىسخىكا ساغلاملىقى ئوتتۇرىسىدا زىچ مۇناسىۋەت بار دەپ كۆرسەتتى. قانۇنىيەتلىك چېنىقىش ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنى، ئىجتىمائىي ئالاقە ئىقتىدارىنى ۋە كوللېكتىپ ھەمكارلىق روھىنى كۈچەيتىدۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوڭۇشسىزلىققا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ۋە ئاكتىپ خاراكتېر ئالاھىدىلىكىنى يېتىلدۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. « تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش تەنتەربىيە ئىمتىھانى» تېمىسىغا قارىتا، ياڭ ياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەشتىكى تەنتەربىيە ئىمتىھانىنىڭ مەقسىتى ئىمتىھان ئەمەس، بەلكى ئوقۇغۇچىلارنى تەنتەربىيەگە قىزىقتۇرۇش؛ ئوقۇغۇچىلارنى ئوقۇش پۈتتۈرۈپلا ھەرىكەت قىلدۇرماسلىق ئەمەس، بەلكى ھەرىكەت قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش تەنتەربىيە ئىمتىھانى سىياسىتىنىڭ باسقۇچ خاراكتېرلىك ياكى ئۇزاق مۇددەتلىك ئىكەنلىكىنى يەنە كۆزىتىشكە توغرا كېلىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ