ئىككى يىغىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ۋاڭ يى جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتى ئۈستىدە توختالدى: جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ ئىزچىل ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، دېدى.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى 7-چېسلا ئىككى يىغىن مۇخبىرلار يىغىنىدا جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتى ئۈستىدە توختالدى.
ۋاڭ يى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇلتۇر جۇڭگو-ياۋروپا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 20 يىللىقى، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى قاتلام، دەرىجە بويىچە ئالماشتۇرۇش سۆھبىتى ئومۇميۈزلۈك قايتا باشلاندى. جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى 17 مىڭ قېتىم قاتناپ، ياۋروپادىكى 25 دۆلەت،219 شەھەرنى تۇتاشتۇرۇپ، داۋالغۇپ تۇرغان دۇنيادا بىخەتەر، راۋان ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش زەنجىرى جان تومۇرىنى بەرپا قىلدى. جۇڭگو ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرگە ۋىزىسىز مۇئامىلە قىلىپ، ئىككى تەرەپ خادىملىرى ۋە ئىقتىساد-سودا ئالاقىسىگە قولايلىق ياراتتى. ئەمەلىيەتتە، جۇڭگو-ياۋروپا ھەمكارلىشىپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشتا نۇرغۇن مۇۋەپپەقىيەتلىك مىساللار بار، مەسىلەن، ۋېنگىرىيە-سېربىيە تۆمۈر يولى، گرېتسىيە پېيرايېۋس پورتى، كرودىيە پېلېساس دېڭىز ھالقىغان چوڭ كۆۋرۈكى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بۇنىڭ ۋەكىللىرى.
ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: بىرنەچچە يىل ئىلگىرى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىر سىياسەت ھۆججىتى جۇڭگوغا بىرلا ۋاقىتتا ھەمراھ، رىقابەتچى، تۈزۈم خاراكتېرلىك رەقىب دېگەن ئۈچ خىل بەلگىنى چاپلاپ قويغان، لېكىن ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بۇ خىل ئۈچ خىل تەبىر ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس ھەم يولغا قويۇشقا بولمايدۇ، ئەكسىچە جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا كاشىلا ۋە توسالغۇ ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ خۇددى ئاپتوموبىل تۆت كوچا ئېغىزىغا كەلگەندە قىزىل چىراغ، سېرىق چىراغ، يېشىل چىراغدىن ئىبارەت ئۈچ خىل سىگنال چىرىغى بىرلا ۋاقىتتا يانغانغا ئوخشايدۇ، بۇ چاغدا ئاپتوموبىلنى قانداق ھەيدەيمىز؟
ئەمەلىيەتتە، جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ تۈپ مەنپەئەت توقۇنۇشى يوق، جۇغراپىيەلىك ئىستراتېگىيەلىك زىددىيىتىمۇ يوق، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەنپەئەتى ئىختىلاپتىن خېلىلا چوڭ. جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ توغرا ئورنى ھەمراھلاردىن بولۇشى، ئاساسىي ئېقىم ھەمكارلىق بولۇشى، ھالقىلىق قىممىتى مۇستەقىل بولۇشى، تەرەققىيات ئىستىقبالى ئورتاق پايدا ئېلىش بولۇشى كېرەك. بىز جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. قۇدرەتلىك ياۋروپا جۇڭگونىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن، ئوخشاشلا قۇدرەتلىك جۇڭگومۇ ياۋروپانىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن. جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئورتاق ھالدا كۆپ تەرەپچىللىكنىڭ ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلىرى، ئېچىۋېتىش تەرەققىياتىنىڭ تەشەببۇسچىلىرى، مەدەنىيلىك سۆزلىشىشىنىڭ ئىلگىرى سۈرگۈچىلىرىدىن بولۇشى كېرەك. دۇنياغا نەزەر سالساق، جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ھەمكارلاشسىلا، قارشىلاشقۇچى لاگېرلارنىڭ مەقسىتى ئىشقا ئاشمايدۇ. جۇڭگو-ياۋروپا ئېچىۋېتپ، ئورتاق پايدا ئالسىلا، «دۇنياۋىلىشىشقا قارشى تۇرۇش» ئۈستۈنلۈككە ئېرىشەلمەيدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
![](/mediafile/201904/15/F201904151632137296700953.jpg)
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ