مۇھىم خەۋەرلەر

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى خوۋ گۇيسۇڭ: ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق بويىچە ھاۋالىلىك تەربىيەلەش مۇلازىمىتىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ياشلارنىڭ تۇغۇت بېسىمىنى يېنىكلىتىش كېرەك

2024.03.08 15:06 مەنبە: خەلق تورى

  ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق بويىچە ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمەت سىستېمىسىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ تۇغۇتقا دوستانە جەمئىيەت بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ياشلارنىڭ ئائىلىدە ھاۋالىلىك بېقىش ئېھتىياجىنى يېنىكلىتىش، ياشلارنىڭ تۇغۇت، بېقىش غېمىنى يېنىكلىتىشتە مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى خېبېي ئۆلكىلىك كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خوۋ گۇيسۇڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنۇلارنى بايقىدى: نۆۋەتتە ئېلىمىز ياشلىرىنىڭ دەسلەپكى تۇغۇت يېشى ئۈزلۈكسىز كەينىگە سۈرۈلۈپ مېڭىۋاتىدۇ. پەرزەنتلىك بولۇش نىسبىتىنىڭ داۋاملىق تۆۋەنلەپ كېتىشىدىكى ئامىللار پەرزەنتلەرنى بېقىش بېسىمىنىڭ بىرقەدەر چوڭ بولۇشىدىن باشقا، يەنە ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق بويىچە ھاۋالىلىك بېقىش بىلەن تەمىنلەش كەمچىل بولۇش مەسىلىسى بار.سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر ئېلىمىزدە ئۈچ ياشتىن تۆۋەن بوۋاقلار 32 مىليونغا يېتىدۇ، %30 تىن ئارتۇق بوۋاقنىڭ يەسلىگە كىرىش ئېھتىياجى بار، 2019-يىلىدىكى مەملىكەت بويىچە نوپۇس تەكشۈرۈش ۋە ئائىلە تەرەققىياتىنى ئارىلاپ تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، ئېلىمىزدە يەسلىگە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى ئاران %5.6 (ھازىر %6 ئەتراپىدا) بولۇپ، يەسلى مۇلازىمىتى ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل، ئائىلىلەر نۇرغۇن ۋاقىت ۋە زېھنىي كۈچ سەرپ قىلىپ بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا توغرا كېلىدىكەن، بۇمۇ ياشلارنىڭ تۇغۇت نىسبىتىنىڭ داۋاملىق تۆۋەنلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىل ئىكەن.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ