دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى: بۇ يىل ئىقتىسادنى %5 ئەتراپىدا ئاشۇرۇش نىشانى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغان نىشان
2024.03.07 15:02 مەنبە: خەلق تورى
14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنى 6-مارت مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جېڭ شەنجيې، مالىيە مىنىستىرى لەن فوئەن، سودا مىنىستىرى ۋاڭ ۋېنتاۋ، جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ باشلىقى پەن گۇڭشېڭ، جۇڭگو ئاكسىيەنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋۇ چىڭ تەرەققىيات، ئىسلاھات، مالىيە خامچوتى، سودا، پۇل مۇئامىلە، ئاكسىيە قاتارلىق ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جېڭ شەنجيې يىغىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل ئىقتىسادنى %5 ئەتراپىدا ئاشۇرۇشنى كۆزلىمە نىشان قىلىش ئىلمىي دەلىللەشتىن ئۆتكەن بولۇپ، «14-بەش يىللىق» پىلاننىڭ يىللىق تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش يوشۇرۇن كۈچى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ماس كېلىدۇ، تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغان نىشان.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ