مۇھىم خەۋەرلەر

بۇ يىللىق مائارىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خامچوتى 4 تىرىليون يۈەندىن ئاشىدۇ

2024.03.07 14:58 مەنبە: خەلق تورى

  14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنى 3-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن كېيىن مېيدىيا مەركىزى ئاخبارات ئېلان قىلىش زالىدا مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ئاچتى، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى تەرەققىيات، ئىسلاھات، مالىيە خامچوتى، پۇل سىياسىتى، سودا، پۇل مۇئامىلە ئاكسىيە قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

  مالىيە مىنىستىرى لەن فوئەن: 2019-يىلىدىن 2023-يىلىغىچە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مائارىپ چىقىمى %18.5، ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش چىقىمى %35.8، سەھىيە-ساغلاملىق چىقىمى %34.4 ئاشتى. 2024-يىلى مائارىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خامچوتى 4 تىرىليون يۈەندىن ئاشىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ