پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ تېجەشلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشى پۇل قاپچۇقىنى چىڭ تۇتۇپ پۇل خەجلىمىگەنلىكتىن دېرەك بېرەمدۇ؟ 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىنىڭ ئىقتىساد تېمىسىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى لەن فوئەن مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنداق دېدى: پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ تېجەشلىك كۈن كەچۈرۈشى پۇل قاپچۇقىنى چىڭ تۇتۇپ پۇل خەجلىمەسلىك ئەمەس بەلكى خەجلەشكە تېگىشلىك پۇلنى خەجلەش، تېجەشكە تېگىشلىكنى تېجەش، «كۆپ پۇل خەجلەشتە سېخىي بولۇش، ئاز پۇل خەجلەشتە پىخسىق بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مالىيە كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلىش كېرەك.
بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر تېجەشلىك كۈن كەچۈرۈشكە ئادەتلىنىپ، ھەقىقىي تۈردە ئىنچىكە ھېسابات قىلىپ، مالىيە مەبلىغىنى ھەقىقىي تۈردە دەل جايىغا ئىشلىتىپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشى كېرەك. لەن فوئەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ تېجەشلىك كۈن كەچۈرۈشى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئېنىق تەلىپى، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بارلىق ئىشلارنى ئىقتىسادچىللىق بىلەن بېجىرىشى كېرەكلىكى «بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا يەنە بىر قېتىم تەكىتلەندى، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر تېجەشلىك كۈن كەچۈرۈشكە ئادەتلىنىشى كېرەك، بۇ ۋاقىتلىق ئېھتىياج ئەمەس، بەلكى ئۇزاق مۇددەتلىك پىلان».
ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: كېيىنكى قەدەمدە مالىيە مىنىستىرلىقى «ئۈچ خىل ھۆكۈمەت خىراجىتى»نى باشقۇرۇشنى داۋاملىق قاتتىق تىزگىنلەپ، يىغىن، كاماندىروپكا، مۈلۈك تەقسىملەش، ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى تۈزۈم-بەلگىلىمىلەرنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، تېجەشلىك كۈن كەچۈرۈش تەلىپىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ. خامچوتنىڭ چەكلىمىسىنى كۈچەيتىپ، زۆرۈر بولمىغان بايرام، مۇنبەر ۋە كۆرگەزمە قاتارلىقلارنى ئىخچاملاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشلەتمەي تاشلاپ قويۇلغان مەبلەغنى ۋاقتىدا قايتۇرۇۋېلىپ ۋە ئىشلىتىپ، تېخىمۇ كۆپ «ساپ ئالتۇن، ھەقىقىي كۈمۈش»نى تەرەققىياتنىڭ مۇھىم يېرىگە، خەلق تۇرمۇشىنىڭ جىددىي ئېھتىياجىغا ئىشلىتىش كېرەك.
2023-يىلى مالىيە مىنىستىرلىقى مالىيە بوغالتىرلىقىنى نازارەت قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مالىيە مەبلىغىنى ئىشلىتىپ «ئوبراز قۇرۇلۇشى» قىلىش قاتارلىق بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى. لەن فوئەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كېيىنكى قەدەمدە، بىز نازارەت قىلىش، جازالاشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ھەشەمەتچىلىك، سۆلەتۋازلىق قىلىشنى قەتئىي توسۇپ، «نەتىجە قۇرۇلۇشى»، «يۈز قۇرۇلۇشى» قىلىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئالىمىز.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ