ۋەكىل ليۇ شىيا: ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسىپ ھالقىپ ئىمتىھان بېرىشىگە رۇخسەت قىلىش تەكلىپىنى بېرىمەن
2024.03.07 14:55 مەنبە: خەلق تورى
3-ئاينىڭ 5-كۈنى، 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-يىغىنىغا قاتنىشىدىغان چۇڭچىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئېچىۋېتىلگەن ئۆمەك-گۇرۇپپا يىغىنى ئۆتكۈزدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، چۇڭچىڭ شەھىرى جيۇلۇڭپو رايونى شيېجياۋەن مائارىپ گۇرۇھى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش مەكتەپ مۇدىرى ليۇ شىيا مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى، ئۇ خىزمەت ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، ھازىر مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنى ئاشكارا تەكلىپ قىلىشتا ئوقۇتقۇچىلارنى تىزىملىتىش شەرتى، كەسپىي تەلەپ زىيادە تار بولۇش، پەن ھالقىپ ئىمتىھان بېرىپ قوبۇل قىلىش ئىشتاتى چەكلىمىگە ئۇچراش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بايقىدى. ئۇ ئوقۇتقۇچىلارنى ئاشكارا تەكلىپ قىلىشتا پەن ئېھتىياجلىق بولغان بىلىم زاپىسىغا ئاساسەن كەسىپنى بېكىتىش، پەن بىلەن كەسىپنىڭ ماس كېلىشىنى ھەددىدىن زىيادە تەكىتلىمەسلىك، ئۆگەنگەن كەسپى ۋە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان پەنلىرى بىردەك بولمىغان پەن ھالقىغان ئوقۇتقۇچىلارغا قارىتا، جايلاردىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرى ئۇلارنىڭ ئىشتاتقا ئىمتىھان بېرىپ ئۆتۈش پۇرسىتى بېرىش تەكلىپىنى بەردى.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ