مۇھىم خەۋەرلەر

ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 68 كۈن! مەملىكەت بويىچە نۇرغۇن جايلاردىكى ئالىي مەكتەپلەر قىشلىق تەتىل ۋاقتىنى ئېلان قىلدى

2023.11.23 14:36 مەنبە: خەلق تورى

  يېقىندا مەملىكەت بويىچە نۇرغۇن ئۆلكىلەردىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ قىشلىق تەتىل ۋاقىت جەدۋىلى كەينى-كەينىدىن ئېلان قىلىندى. ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ مەكتەپ كالېندارىغا ئاساسلانغاندا، بۇ يىل ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ قىشلىق تەتىل ۋاقتى 35 كۈندىن 45 كۈنگىچە بولىدىكەن، كۆپ قىسىم ئالىي مەكتەپلەر 1-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ قىشلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىدىكەن، 2-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئوقۇش باشلاپ مەكتەپكە قايتىدىكەن. شەرقىي شىمال رايوندىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ۋاقتى ئومۇميۈزلۈك بىرقەدەر ئۇزۇن، جەنۇبتا بىرقەدەر قىسقا ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ئەڭ ئۇزۇن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلگىنى 68 كۈن، ئەڭ قىسقا دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلگىنى 30 كۈنگە يەتمەيدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەر ھەر مەۋسۇمدىكى ئوقۇتۇش پىلانىغا ئاساسەن، ئوقۇش مەۋسۇمى ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقىنى ئۆز ئالدىغا ئورۇنلاشتۇرسا بولىدىكەن. ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش باشلاپ تىزىمغا ئالدۇرغاندىن باشلاپ، ھەربىر مەكتەپنىڭ سۈرئىتى ئوخشاش بولمايدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋاقتى ئوخشاش بولمىغان ئوقۇتۇش ھەپتىلىكى ۋە ئىمتىھان ھەپتىسى بولغاچقا، قىشلىق تەتىلنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىدا پەرق پەيدا بولىدىكەن. ئالىي مەكتەپنىڭ تۆت يىللىق ئوقۇتۇش ۋاقتى ئۆزگەرمەيدۇ، قىشلىق تەتىل قىسقا بولسا، ئەتىيازلىق ئوقۇش باشلاش ۋاقتى ئالدىغا سۈرۈلىدۇ، يازلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىش ۋاقتىمۇ ئالدىغا سۈرۈلىدۇ، يازلىق تەتىل ۋاقتى ئۇزۇنراق بولىدۇ. پەقەت پۈتۈن يىل ئىچىدە دەرس سائىتى تەلىپىنى قاندۇرسىلا، ئالىي مەكتەپلەر قىشلىق تەتىل ۋە يازلىق تەتىلنى قانچىلىك ۋاقىت قويۇپ بېرىشنى ئېلاستىكىلىق ھالدا قارار قىلسا بولىدىكەن.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ