لى چياڭ مەركىزىي كومىتېت پۇل مۇئامىلە كومىتېتىنىڭ يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز پۇل مۇئامىلە خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا ئالاقىدار نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنىڭ ئىش تەقسىماتى لايىھەسى قاراپ چىقىلدى

2023.11.22 09:38 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى، مەركىزىي كومىتېت پۇل مۇئامىلە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لى چياڭ 11 - ئاينىڭ 20 - كۈنى مەركىزىي كومىتېت پۇل مۇئامىلە كومىتېتىنىڭ يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز پۇل مۇئامىلە خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا ئالاقىدار نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنىڭ ئىش تەقسىماتى لايىھەسى قاراپ چىقىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز پۇل مۇئامىلە خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پۇل مۇئامىلىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تۈپ قوللانما ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە پۇل مۇئامىلە تەرەققىيات يولىدا ياخشى مېڭىشنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، يېڭى دەۋردىكى پۇل مۇئامىلە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىش روھىي ھالىتى، پۇختا ئۈنۈملۈك خىزمەت تەدبىرلىرى بىلەن مەركەز پۇل مۇئامىلە خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۇل مۇئامىلە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ۋە تىرەك بولۇش كېرەك.

  يىغىندا پۇل مۇئامىلىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا ئالاقىدار نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنىڭ ئىش تەقسىماتى لايىھەسى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پۇل مۇئامىلىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش سۈپىتى، سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، پۇل سىياسىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ئاساسىدا، زور ئىستراتېگىيە، نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاجىز ھالقىلارنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، پەن - تېخنىكا پۇل مۇئامىلىسى، يېشىل پۇل مۇئامىلە، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلىسى، ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇل مۇئامىلىسى، رەقەملىك پۇل مۇئامىلىدىن ئىبارەت بەش چوڭ ئىشنى ياخشى ئىشلەشنى چۆرىدەپ، كونكرېت سىياسەت ۋە خىزمەت تەدبىرلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇشنى چىڭ تۇتۇپ، پۇرسەت، رىتىم ۋە سالماقنى چىڭ تۇتۇپ، پۇل مۇئامىلە كەسپىنى ئېچىۋېتىشنىڭ مۇقىم، ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پۇل مۇئامىلە نازارەتچىلىكىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرىنى بىر تەرەپ قىلىش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ ۋە پۇختىلاپ، تارماقلارنىڭ ماسلىشىشى ۋە يۇقىرى - تۆۋەننىڭ ھەمتۈرتكە بولۇشىنى كۈچەيتىپ، ساقلانما مىقدار خەۋپ - خەتىرىنى تۈگىتىش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىش بىلەن بىرگە، مەنبەدىن باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋەزىپىسىنى بىرلىكتە ئەمەلىي، چىڭ تۇتۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ پۇل مۇئامىلە خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى ساپالىق كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىش تەقسىماتى لايىھەسىدىكى تەلەپ بويىچە مەسئۇلىيەتنى قاتتىق ئادا قىلىپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  خې لىفېڭ، ۋۇ جېڭلۇڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ