مۇھىم خەۋەرلەر

تەنتەربىيە قوشۇمچە پەندىن ئاساسىي پەنگە ئۆزگەرتىلەمدۇ؟ مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىنكاس قايتۇردى

2023.11.23 14:35 مەنبە: خەلق تورى

  يېقىندا مائارىپ مىنىستىرلىقى تور بېكىتى «تەنتەربىيە پەنلىرىنى قوشۇمچە پەنلەردىن ئاساسىي پەنلەرگە ئۆزگەرتىپ، باشلانغۇچ مەكتەپ تەنتەربىيە دەرسلىكلىرىنى ھەقسىز تارقىتىش توغرىسىدىكى تەكلىپ»كە جاۋاب بەردى.

  «تەنتەربىيە پەنلىرىنى قوشۇمچە پەن ئوقۇتۇشىدىن ئاساسىي پەن ئوقۇتۇشىغا ئۆزگەرتىش» تەكلىپىگە قارىتا، مائارىپ مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۆلەتنىڭ دەرس لايىھەسىدە تەسىس قىلىش بەلگىلەنگەن پەنلەر ئاساسلىق ۋە قوشۇمچە دەپ ئايرىلمايدۇ. ھەرقايسى پەنلەرنىڭ ئۆزىگە خاس ئادەم تەربىيەلەش قىممىتى بار بولۇپ، بىر-بىرىنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەرقايسى پەنلەر ئۆزئارا ماسلىشىپ، ھەمكارلىشىپ ئادەم تەربىيەلەپ، تەربىيەلەش نىشانىغا يېتىشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ. تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىق دەرسلىكى ئاساسىي مائارىپ دەرسلىك سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، «مەجبۇرىيەت مائارىپى دەرسلىك لايىھەسى (2022- يىللىق نەشرى)»دە «تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىق»نىڭ توققۇز يىللىق ئومۇمىي دەرس سائىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %11-%10 بولۇپ، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، گېرمانىيە، رۇسىيە، كورېيە، ياپونىيە، فىنلاندىيە، ئەنگلىيە، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭكىدىن يۇقىرى، بۇ ئېلىمىزنىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىرىنى تەسىس قىلىشتا تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىق پەنلىرىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ