خاماسنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن تۆت كۈن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقىغا قارىتا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ 22-چېسلا رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىشىنى قارشى ئالىدۇ، بۇنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىنى پەسەيتىش، توقۇنۇشنىڭ دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش، جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىشكە پايدىلىق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
ماۋ نىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ نۆۋەتلىك پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى پارتلىغاندىن بۇيان، جۇڭگو ئۇرۇش توختىتىپ، ۋەزىيەتنى پەسەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، پۇقرالارنى قوغداش، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىشتە بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى مۇراجىئەت قىلدى.
ماۋ نىڭ مۇنداق دېدى: «بىز ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىشىنى قارشى ئالىمىز، بۇنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىنى پەسەيتىش، توقۇنۇشنىڭ دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىشكە پايدىلىق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز».
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ