مۇھىم خەۋەرلەر

كۆزىتىشنىڭ ئالدى-كەينىدە غايەت زور پەرق بولغان

ھۆكۈمەت بۇنداق «مۇتتەھەملىك» قىلسا قانداق بولىدۇ؟

2023.11.23 11:26 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى چوقۇم قوغداش كېرەك»، ئىچكى موڭغۇل بالىن ئوڭ خوشۇنى تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسىنىڭ باشلىقىنىڭ بۇ سۆزلىرى ناھايىتى جاراڭلىق ئېيتىلغان. لېكىن يېقىندا شۇ جايدىكى بىر خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىدا دېھقانلارنىڭ 16 مىليون 500 مىڭ يۈەن قۇرۇلۇش پۇلىنى نېسى قالدۇرغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر ئاممىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى كۈزىتىش گۇرۇپپىسى كېلىشتىن بۇرۇن رازى بولغۇدەك جاۋاب بېرىشكە ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن كۈزىتىش گۇرۇپپىسى كەتكەندىن كېيىن گاس-گاچا بولىۋېلىپ، دېھقانلار بىلەن يېزىق ئويۇنى ئوينىغان.

  ئىچكى موڭغۇل بالىن سول خوشۇنىدىكى دېھقان ۋاڭ يۇڭجۈن 2016-يىلى بالىن ئوڭ خوشۇنلۇق ھۆكۈمەتىنىڭ بىر تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى ھۆددىگە ئالغان، نەتىجىدە قۇرۇلۇش پۈتكەن بەش يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسى ئىزچىل ئىقتىسادىي تەپتىش دوكلاتى بېرىشكە قوشۇلمىغاچقا، قۇرۇلۇش پۇلىنى ئالالمىغان، قەرز ئالغان پۇلنى قايتۇرالمىغان، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنىمۇ بېرەلمىگەن. بەش يىل ئىچىدە نۇرغۇن قېتىم سۈرۈشتۈرگەن بولسىمۇ تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسىنىڭ رەھبەرلىرى ئاغزىدا جاۋاب بېرىشكە ماقۇل بولغان بولسىمۇ، ئەمما ھۆججەت چۈشۈرمىگەن. جاۋاب بەرگەن بىردىنبىر قېتىمدا، كۆزىتىش گۇرۇپپىسى تەكشۈرۈشكە كېلىدىغانلىقى ئۈچۈن تۇرالغۇ ۋە شەھەر يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ۋاڭ يۇڭجۈننى ئىزدەپ كېلىپ، يېڭى يىلدىن بۇرۇن ئاخىرقى جاۋاب بېرىشكە ۋەدە بەرگەن. ئەمما كۈزىتىش گۇرۇپپىسى كېتىشىگىلا تېنىۋالغان ھەمدە «بىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى جاۋابىمىز <داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش>» دېگەن.

  قەرز قايتۇرۇش قىل سىغمايدىغان ھەقىقەت. كادىرلار «ئۆزىنى تاشلاپ يېتىۋالسا» بولمايدۇ، «مۇتتەھەملىك» قىلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ. خەلق ئاممىسىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان قىلمىشلارنى ھەقىقىي قاتتىق جازالاش لازىم، مەيلى مەسىلە قانچىلىك مۇرەككەپ بولسۇن چوقۇم مەسىلىنى ھەل قىلىش ئىرادىسىنى نامايان قىلىش كېرەك، كەينىگە سۆرەشكە بولمايدۇ، كۆزىتىش گۇرۇپپىسى كەلسە بىر خىل، كۆزىتىش گۇرۇپپىسى كەتسە يەنە بىر خىل ئىش قىلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ. ئەگەر شۇنداق بولىدىغان بولسا، كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ «ئارقىغا قايتا قارىشى» زۆرۈرمۇ قانداق؟

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ