مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن جەرىمانە قويۇپ گۈزەل يېزا-كەنت بەرپا قىلغىلى بولمايدۇ

2023.11.23 11:26 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جايلار يېزا-كەنتلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش ھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، نۇرغۇن رايونلاردىكى يېزا-كەنتلەرنىڭ قىياپىتىنى يېڭىلىدى. ئەمما، بۇ جەرياندا «يوتقاننى يىغمىسا 10 يۈەن، قاچا-قۇچىلارنى يۇيمىسا 10 يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، يەردە زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ تاماق يېسە 20 يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ» دېگەندەك ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان بەزى «ئىجادىيەت»لەر مەيدانغا كەلدى. يېقىندا، سىچۈەن ئۆلكىسى لياڭشەن يىزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى پۇگې ناھىيەسى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ تامغىسى بېسىلغان «يېڭى يېزا، گۈزەل يېزا ھەرىكىتى بويىچە ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى جەرىمانە ئۆلچىمى» تالاش-تارتىش پەيدا قىلدى.

  بۇ «جەرىمانە ئۆلچىمى»نى كۆرۈپ كىشىلەر ئىختىيارسىز يەنە بىر ئىشنى ئېسىگە ئالدى: بۇ يىل 6-ئايدا، گەنسۇ پىڭلياڭ شەھىرى چۇڭشىن ناھىيەسىدىكى تورداشنىڭ «رەھبەرلەرگە سۆز قالدۇرۇش تاختىسى»دا ئىنكاس قىلىشىچە، كەنتتىكى كادىرلار ئۇنىڭغا ئىشىك ئالدىغا تېرىغان كۆممىقوناق مايسىلىرىنىڭ ھەممىسىنى يۇلۇۋېتىشكە بۇيرۇق قىلغان، سەۋەبى شۇ جايدىكى يول بويىدا مەنزىرە بەلبېغى بەرپا قىلىنىۋاتقان بولۇپ، ئېگىز غوللۇق ئۆسۈملۈكلەر كۆرۈش دائىرىسىگە تەسىر كۆرسىتەرمىش. بۇ ئىش ئاشكارىلانغاندىن كېيىن كەنت كادىرلىرى ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ كەچۈرۈم سورىغان ھەمدە زىياننى تۆلەشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، دېھقانلار تۆلەمنى رەت قىلغان ھەمدە شۇ جاينىڭ تۇرالغۇ مۇھىتىنى تۈزەش ھەرىكىتىدە كۆپرەك ئەمەلىي ئىش قىلىش تەكلىپىنى بەرگەن.

  ئىككى ئىش ئوخشاش بىر مەسىلىنى ئاشكارىلىدى، يەنى يېزا-كەنتلەرنىڭ تۇرالغۇ مۇھىتىنى تۈزەش ھەرىكىتىدە «تۈزەش»كە تېگىشلىك ئىش زادى نېمە؟

  ئەگەر دېھقانلارنىڭ ئىشىك ئالدىدىكى كۆممىقوناقنى يۇلۇۋېتىش ئادەمگە غەلىتىلىك ھېس قىلدۇرسا، ئۇنداقتا دېھقانلارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ جەرىمانە قويۇش كىشىگە قورقۇنچ ھېس قىلدۇرىدۇ __ تۇرالغۇ مۇھىتىنى ياخشىلاش نامى بىلەن باشقىلارنىڭ ئۆيىگە بۆسۈپ كىرىپ تەكشۈرۈشكە بولامدۇ؟ ئىشنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى يوق، ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇنداق جەرىمانە زادى قانۇن ئىجرا قىلىش ئۈچۈنمۇ ياكى «كىرىم قىلىش» ئۈچۈنمۇ؟ يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ سۈرۈشتۈرسەك، ئاساسىي قاتلام كەنت ئاھالە كومىتېتلىرىنىڭ نەدىن كەلگەن قانۇن ئىجرا قىلىش ھوقۇقى ۋە جەرىمانە ھوقۇقىكەن؟

  بۇ قېتىمقى ۋەقەنىڭ كىشىلەرنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىشىدىكى سەۋەب جەرىمانە سوممىسىدا ئەمەس، ھەتتا جەرىمانە قويۇش نامىدىلا ئەمەس، ئەڭ ئاساسلىق مەسىلە دەل جەرىمانىنىڭ ئۆزىدە، يەنى «مەمۇرىي جازا قانۇنى» دا، مەمۇرىي جازانى مەمۇرىي ئورگان قانۇن بويىچە يولغا قويىدۇ، دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن. كەنت ئاھالە كومىتېتى پەقەت ئاساسىي قاتلام ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىدىغان تەشكىلات بولۇپ، كەنت ئاھالىسىگە جەرىمانە قويۇش ھوقۇقى يوق. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ «جەرىمانە ئۆلچىمى»نى ئەينەن ئېلان قىلىشى شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەققانىي ھوقۇق-مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرۇز قىلغانلىق بولۇپلا قالماي، يەنە ئۆزىنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش قارىشىنىڭ ئاجىزلىقىنى ئاشكارىلاپ قويدى، مانا بۇ تۈزەش تېخىمۇ زۆرۈر بولغان ئىش.

  تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ ئىككى ئىشتا ۋەقە يۈز بەرگەن جاينىڭ ھەممىسى كەنت قائىدىسى، خەلق ئەھدىنامىسىنى تىلغا ئالغان. ئەمەلىيەتتە بۇمۇ بىر خىل بۇرمىلاش. كەنت قائىدىسى، خەلق ئەھدىنامىسىنىڭ ئىسمىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئۇ بىر خىل بەلگىلىمە ۋە پۈتۈم بولۇپ، قانۇن نەزەرىيەسى جەھەتتە مەجبۇرلاش كۈچىگە ئىگە ئەمەس، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ خالىغانچە جازالاش ھوقۇقى تېخىمۇ يوق. كەنت قائىدىسى، خەلق ئەھدىنامىسى شەكلى بىلەن جازالاش ئەسلىدىنلا قانۇنغا خىلاپ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، كەنت قائىدىسى، خەلق ئەھدىنامىسى كەڭ دائىرىدە قاتنىشىش ئاساسىدا ئورنىتىلىدىغان بولۇپ، ھەممىلا يەردە چەكلىمە قويىدىغان «جەرىمانە ئۆلچىمى» شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە مۇزاكىرە قىلىشىدىن ئۆتۈپ ئومۇميۈزلۈك ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىندىمۇ؟

  گەپنى يوشۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق، يېزا-كەنتلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش جەريانىدا ناچار ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كېلىدۇ، لېكىن ناچار ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىش ئۇزاق بىر جەريان، بۇنىڭدا ئاستا-ئاستا يېتەكلەش كېرەك، مەمۇرىي بۇيرۇق بىلەن «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش» ئارقىلىق تۈرلۈك ناچار ئادەتلەرنى دەرھال توسۇشنى ئويلاش مۇۋاپىق ئەمەس. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، قانچە چەت-ياقا يېزا-كەنتلەر بولسا قانۇنچىللىق قارىشىنى شۇنچە كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ، چۈنكى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن جەرىمانە قويۇش ئارقىلىق گۈزەل يېزا-كەنتلەرنى بەرپا قىلغىلى بولمايدۇ، قانۇن بويىچە ئىش قىلىش دەل مەدەنىي يېڭى ئىستىل.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ