مۇھىم خەۋەرلەر

«ئۆيدىكى قاچا-قۇچىلارنى يۇيمىسا 10 يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ»؟ بۇنداق جەرىمانە قويۇش ھوقۇقىنى كىم بەردى؟

2023.11.23 11:23 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 21-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «يوتقاننى يىغمىغانلارغا 10 يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، قاچا-قۇچىلارنى يۇيمىغانلارغا 10 يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ تاماق يېگەنلەرگە 20 يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ». يېقىندا سىچۈەن ئۆلكىسى لياڭشەن يىزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى پۇگې ناھىيەسىدىكى بىر كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ تامغىسى بېسىلغان «يېڭى يېزا، گۈزەل يېزا ھەرىكىتى بويىچە ئاھالىلەرنىڭ ياشاش مۇھىتىغا جەرىمانە ئۆلچىمى» توردا تارقىلىپ، كىشىلەرنىڭ گۇمانىنى قوزغىدى. شۇ جايدىكى ناھىيەلىك ھۆكۈمەتنىڭ بىر خىزمەتچىسى تاراتقۇلارغا بۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ ھەقىقەتەن مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، يېزا-بازارلارنىڭ تارقاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئېقى قەغەز، قارىسى سىياھ، يەنە تامغا بېسىلغان ئىكەن، بۇ ئىش ھەقىقەتەن مەۋجۇد. يوتقان يىغمىغان، قاچا يۇيمىغانلارغا جەرىمانە قويۇشقا ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ، شۇنداقلا ئادەمنى بىئارام قىلىدۇ، خۇددى تورداشلار ئېيتقاندەك بۇ «بەك كۆپ باشقۇرۇپ كەتكەنلىك، بەك ئىنچىكە باشقۇرۇپ كەتكەنلىك، باشقۇرۇشقا تېگىشلىك بولمىغانلىرىنى قارىسىغا باشقۇرغانلىق».

  بۇ ئىشنى كونكرېت ئىككى قاتلامدىن ئويلىنىش كېرەك. بىرىنچىسى، بۇ ئىشلارنى باشقۇرۇش كېرەكمۇ-يوق؟ پۇگې ناھىيەسى لياڭشەن يىزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىغا قاراشلىق ناھىيە بولۇپ، يىزۇلارنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، كۆپ مىللەت ئورتاق ئولتۇراقلاشقان ئاز سانلىق مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ناھىيە، نۇرغۇن كىشىلەر يەردە زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ تاماق يېيىشكە ئادەتلەنگەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، لياڭشەن ئوبلاستى «زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ غىزالىنىشنى تۈزەش، ناچار ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتقان، لياڭشەن ئوبلاستىدىكى ئالاقىدار ناھىيەلىك پارتكوملارمۇ «ئاممىنى ئەھۋالدىن خەۋەردار قىلىش يىغىنى ئارقىلىق ئاممىنى يۇقىرى باھالىق تويلۇقنى قەتئىي توسۇشقا يېتەكلەپ، يەردە ئولتۇرۇش، زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ تاماق يېيىش قاتارلىق ناچار ئادەتلەرنى ئۈزۈل-كېسىل ئۆزگەرتىش كېرەك» دەپ تەكىتلىگەن. بۇنىڭدىن قارىغاندا، شۇ جاي ناچار ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن كۈچ سەرپ قىلغان. لېكىن، قاچا يۇيۇش، يەر سۈپۈرۈش، يوتقان يىغىش قاتارلىق ئىشلار پۈتۈنلەي كەنت ئاھالىلىرىنىڭ شەخسىي تۇرمۇش ئادىتى، بۇ ئىشلارغا چوڭقۇر ئارىلىشىپ كېتىشنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ؟ بۇنداق ئۆيگە كىرىپ تەكشۈرۈش، جەرىمانە قويۇش كەنت ئاھالىلىرىنىڭ شەخسىيەت ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىپلا قالماي يەنە قانۇنغا خىلاپ ھالدا قانۇن ئىجرا قىلىشقا چېتىلىشى مۇمكىن. بۇ يەنە بىر قاتلامغا باشلاپ بارىدۇ، يەنى بۇنداق ئىشلارغا جەرىمانە قويۇش كېرەكمۇ-يوق؟ كەنت ئاھالىلىرىگە جەرىمانە قويۇش چوڭ ئىش، يېنىكلىك قىلىشقا بولمايدۇ. مەمۇرىي جازا قانۇنىنىڭ قاتتىق چەكلىمىسى بولغاچقا، ھەممىلا ئادەمنىڭ جەرىمانە قويۇش ھوقۇقى بولمايدۇ، خالىغانچە جەرىمانە قويۇشقا تېخىمۇ بولمايدۇ. كەسپىي زاتلار ئېيتقاندەك مەيلى كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى ياكى بازارلىق ھۆكۈمەت بولسۇن بۇنداق جازالاش بەلگىلىمىسىنى چىقىرىش، بۇنداق جەرىمانە قويۇش ئۆلچىمىنى تۈزۈش ھوقۇقى يوق.

  بۇ «ئۆلچەم»نىڭ ئاخىرىدا يەنە «جەرىمانە قويۇلغاندىن كېيىن يەنىلا تۈزەتمىگەن، ئىككىنچى قېتىم تەكشۈرگەندە يەنە بايقالغانلارغا ھەسسىلەپ جەرىمانە قويۇلىدۇ» دەپ ئەسكەرتىلگەن. تۇنجى قېتىم جەرىمانە قويۇشقا بولمايدۇ، قايتا جەرىمانە قويۇشقا تېخىمۇ بولمايدۇ، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ بۇنداق ھوقۇقى يوق. ئىشتىن كېيىن بۇ كەنت ئاھالە كومىتېتى مەسئۇلىنىڭ ئۆزىنى ئاقلاپ «جەرىمانە جازالانغۇچىلارنىڭ ئۆزىگە ئىشلىتىلىدۇ» دېيىشىمۇ ئاقمايدۇ. بۇ پىرىنسىپقا مۇناسىۋەتلىك قانۇن مەسىلىسى، چوڭ ئىشنى كىچىكلىتىپ ئىشنى تۈگىتىشكە، «تۆۋەن چەك»كە دەسسەشكە بولمايدۇ.

  ناچار ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشنىڭ ئەل قەلبىنى ئىللىتىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە ئۈنۈمى ياخشى بولدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلەت ناچار ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشتى. كونا قائىدىلەرنى تازىلاش كېرەك، ناچار ئادەتلەرنى تۈگىتىش كېرەك، لېكىن ناچار ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىش، تۈگىتىش جەريانىدا ئاددىي، قوپال ئىش قىلىشقا بولمايدۇ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ. كۈچەش نۇقتىسىنى توغرا تېپىپ، كەنت ئاھالىلىرىگە ھۆرمەت قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئوي-پىكرىنى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، شۇ جاينىڭ تارىخىي داۋاملىشىش ئەھۋالى ۋە ھازىرقى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ كۆپچىلىك قوبۇل قىلالايدىغان ئۇسۇللارنى ئورتاق تېپىپ، پۇقرالارنىڭ ئەمەلىيىتىگە يېقىن بولغان كۆڭۈلگە يېقىن تەشەببۇس كۆپرەك بولغاندىلا ئاندىن ئاز كۈچ بىلەن كۆپ ئىش قىلغىلى بولىدۇ. ئەگەر قاتتىق، قوپال ئىش قىلسا، ئەكسىچە نەتىجە چىقىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ