مۇھىم خەۋەرلەر

خەلق تورى ئوبزورى: پىيادە مەكتەپكە بېرىپ-كېلىشتىمۇ بىخەتەرلىك قالپىقى كىيىش كېرەكمۇ؟ ئاشكارىلانغان مەسىلىلەرنى ئويلىنىشقا ئەرزىيدۇ!

2023.11.23 11:22 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 21-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەۋەرلەرگە قارىغاندا، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى جەنجياڭ شەھىرى شۈۋېن ناھىيەسى جياۋۋېي يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىك قالپىقى كىيىپ مەكتەپكە بېرىپ-كېلىشىنى تەلەپ قىلىشى تالاش-تارتىش قوزغىدى. شۇ جايدىكى مائارىپ ئىدارىسى ئىشخانىسىدىكى خادىملار ئىنكاس قايتۇرۇپ «قالپاق كىيىپ مەكتەپكە كىرىش»نىڭ شەھەرنىڭ بىر تۇتاش تەلىپى ئىكەنلىكىنى، تەلەپ قىلىش ئوبيېكتىنىڭ موتسىكلىت ياكى توكسىكلىتقا مىنىپ مەكتەپكە بېرىپ-كېلىدىغان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاپىرىپ-ئەكىلىدىغان ئاتا-ئانىلار ئىكەنلىكىنى، بۇ مەكتەپنىڭ كېڭەيتىش جەريانىدا تەلىپى بەك قاتتىق بولۇپ كەتكەنلىكىنى، مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مەكتەپكە تۈزىتىشنى ئۇقتۇرغانلىقىنى ئېيتتى.

  توكسىكلىت، موتوسىكلىتقا مىنىپ سىرتقا چىققاندا، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ «ھەربىر ئادەم بىردىن قالپاق كىيىشى» زۆرۈر ئىش. يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىنىڭ 51-ماددىسىدا «موتوسىكلىت ھەيدىگۈچىلەر ۋە ئولتۇرغۇچىلار بەلگىلىمە بويىچە بىخەتەرلىك قالپىقى كىيىشى كېرەك» دەپ بەلگىلەنگەن. ج خ ئىدارىسى ئېلان قىلغان بەلگىلىمىگە ئاساسەن توكسىكلىت ھەيدىگەنلەر ۋە مىنگەنلەرمۇ قالپاق كىيىشى كېرەك. بۇنداق ئارقا شارائىتتا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى توكسىكلىتقا مىنگەندە بېشىغا قالپاق كىيىشى كېرەك، بۇ ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنىڭ ئېھتىياجى، شۇنداقلا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلغانلىقنىڭ ئىپادىسى.

  شۈۋېن ناھىيەسى جياۋۋېي يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن پىيادە مېڭىپ مەكتەپكە بېرىپ-كېلىشتىمۇ قالپاق كىيىشنى تەلەپ قىلىشى زورمۇزور ئادەمنى قىينىغانلىق، كىشىلەرگە قاتلاممۇ قاتلام بېسىم ئاشۇرغانلىق. ئاتا-ئانىلار ۋە بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ تەلەپنىڭ قويۇلۇشى كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ، باش قېتىنچىلىقىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. مەسىلەن، بەزى بالىلارنىڭ ئۆيى مەكتەپ ئەتراپىدا، پىيادە مېڭىپ مەكتەپكە بېرىپ-كېلىدىغان بولسا، يەنە قولىدا قالپاقنى كۆتۈرۈپ يۈرۈشى بىھۇدە ئىش ئەمەسمۇ؟

  ئالدى بىلەن شەھەردىن «قالپاق كىيىپ مەكتەپكە كىرىش»نى بىر تۇتاش تەلەپ قىلغان، ئاندىن شۇ جايدىكى مائارىپ ئىدارىسى تەلەپنى يەتكۈزۈپ ئەمەلىيلەشتۈرگەن، تەلەپ جياۋۋېي يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپكە بارغاندىن كېيىن «پىيادە مەكتەپكە بېرىپ-كېلىشتىمۇ قالپاق كىيىش»كە ئۆزگەرگەن. بۇ كۈلكىلىك ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشى، كۆرۈنۈشتە ئۇقتۇرۇشنى يەتكۈزۈش جەريانىدا شەكىل ئۆزگىرىپ كەتكەندەك قىلسىمۇ ئەمەلىيەتتە ۋەقەگە چېتىشلىق مەكتەپنىڭ ئىش قىلغاندا كاللىسىنى ئىشلەتمەيدىغانلىقى، شەكىلۋازلىق قىلىدىغانلىقى ئاشكارىلاندى. قارىماققا بۇ ئوقۇغۇچىلارنى ھەددىدىن زىيادە قوغدىغانلىق بولسىمۇ ئەمەلىيەتتە مەكتەپنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن، بەلگىلىمىلەرنى توغرا تونۇشىنىڭ كەمچىل ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭ بىلەن دائىم زىيادە كۈچەپ ئەكسىچە ئىش قىلىپ قويىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

  يەنە شۇنى سوراپ بېقىشقا توغرا كېلىدۇ، توكسىكلىت ھەيدىگەندە قالپاق كىيىش كېرەك، بۇ ئەسلىدە قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ ئىشى تۇرسا، يەنە نېمىشقا مەكتەپنى قاتناشتۇرىدۇ؟ ئادەتتە، ئەگەر قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ توكسىكلىتقا مىنگەندە قالپاق كىيمىگەنلىكىنى بايقىسا بىۋاسىتە نازارەت قىلىپ باشقۇرسا بولىدۇ، ئەگەر نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش جايىدا بولسا بېسىمنى مەكتەپكە ئارتىپ قويۇشنىڭ ھاجىتى يوق. بۇنىڭدىن قارىغاندا، مەكتەپ، ئوقۇتقۇچىلار بۇ ئىشنى بىۋاسىتە باشقۇرسا نورمال ئوقۇتۇش خىزمىتىگە تەسىر كۆرسىتەمدۇ-يوق؟

  «پىيادە مەكتەپكە بېرىپ-كېلىشتىمۇ قالپاق كىيىش»نى تەلەپ قىلىش قارىماققا كىچىك ئىشتەك كۆرۈنگىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە كىچىك ئىش ئەمەس، ئاشكارىلانغان مەسىلىلەر ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئويلىنىشىغا ئەرزىيدۇ. كۆپ ھاللاردا بۇنداق ھادىسىلەر چوڭقۇر قېزىلسا، يىلتىزىدا نۇرغۇن كېسەللىك بارلىقى ئاشكارىلىنىدۇ، شۇڭا ھوشيار بولمىساق بولمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ