مۇھىم خەۋەرلەر

خەلق تورى ئوبزورى: جوۋكوۋ شەھەرلىك بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ ھىيلە-مىكىرلىرىنى چوقۇم قاتتىق تەكشۈرۈش كېرەك

2023.11.23 11:21 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 21-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، خېنەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مەركىزىي شەھەر قانىلى پىروگراممىسىدا خېنەن ئۆلكىسى جوۋكوۋ شەھەرلىك بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىدە ساقلانغان بىر خىل ناچار قىلمىش پاش قىلىندى: ئابونتلارنى ئوپتېك مودېم ئالماشتۇرۇشقا مەجبۇرلاش ئۈچۈن بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى ئارقا سۇپىدا ئابونتلارنىڭ كەڭ بەلباغلىق ھېسابات نومۇرىنى توختىتىپ، ئابونتلارنىڭ تورغا چىقالماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ئاندىن ئىنژېنېرنى ئىشىك ئالدىغا بېرىپ «رېمونت قىلدۇرۇپ»، يالغاندىن «ئوپتېك مودېم بۇزۇلۇپتۇ، 299 يۈەن خەجلەپ يېڭىغا ئالماشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ» دەپ يالغان ئېيتقۇزغان. ئالماشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى يەنە ئارقا سۇپىدا ئابونتلارنىڭ تورىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن.

  جوۋكوۋ شەھەرلىك بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ ئۇسۇلى كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇر بوشلۇقىغا جەڭ ئېلان قىلدى. تېخىمۇ چۈشىنىكسىز بولغىنى شۇكى، نېمە ئۈچۈن شىركەتنىڭ ئوبرازىنى بۇلغاشتىن باش تارتماي بۇنداق زەھەر ئىچىپ ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرىدىغان ئىشنى قىلىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە خالىغانچە دەخلى-تەرۇز قىلىشقا جۈرئەت قىلىدۇ؟

  نۆۋەتتە، جوۋكوۋ شەھەرلىك بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى ئىنكاس قايتۇرۇپ، مەخسۇس خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ تەكشۈرگەنلىكىنى ھەمدە ئۆلكىلىك شىركەت تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن ماسلىشىدىغانلىقىنى، خېرىدارلار ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان قىلمىش بايقالغان ھامان بەلگىلىمە بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خېنەن ئۆلكىلىك خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئىشخانىسى جاۋاب قايتۇرۇپ، ھازىر دەسلەپكى قەدەمدە ئىگىلىگەنلىكىنى، ۋەقەگە چېتىشلىق شىركەتنى رەسمىي چاقىرتىپ سۆھبەتلىشىپ تەكشۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  روشەنكى، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرمىسە ھەقىقىي ئەھۋالنى ئىگىلىگىلى بولمايدۇ، ھەقىقىي ئەھۋالنى مۇكەممەل نامايان قىلغىلىمۇ بولمايدۇ؛ ئەتراپلىق تەكشۈرمىگەندە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئاممىغا جاۋاب قايتۇرغىلى، ئاممىغا چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ.

  خېرىدارلار ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش ئېغىزدا دەپ قويسىلا پۈتىدىغان ئىش ئەمەس، بەلكى ئەمەلىي ئىشلەش لازىم، خېرىدارلار ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرۇز قىلىشقا قارشى تۇرۇش ئۆز دائىرىسىدىكى قىلىشقا تېگىشلىك ئىش، بۇنىڭغا زىت ئىش قىلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ.

  ئادەمنى ئويغا سالىدىغىنى شۇكى، ۋەقەگە چېتىشلىق شىركەتنىڭ «كونا ئابونىتلارغا ئوپتېك مودېمنى مەجبۇرىي ئالماشتۇرۇپ»لا قالماي يەنە يېڭى ئىشلەتكۈچىلەرگە تور ئورناتقاندا ئىلگىرىكى ئىشلەتكۈچىلەردىن مەجبۇرىي ئالماشتۇرۇلغان كونا ئوپتېك مودېمنى قەستەن يېڭى ئابونتلارغا ئىشلەتكەنلىكى، ئەمما بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، يەنە ئىشلەتكۈچىلەرگە كونا ئوپتېك مودېم ئىشلىتىلگەچكە ھازىر ماس كەلمەيدىغانلىقىنى، چوقۇم يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش كېرەكلىكىنى ئېيتقانلىقى ئاشكارىلاندى. بۇ «ئەيىبلەش»لەرگە سەل قاراشقا بولمايدۇ، سەل قاراشقا تېخىمۇ بولمايدۇ. ئالاقىدار تارماقلار چوقۇم ياخشى تەكشۈرۈشى كېرەك.

  بۇنىڭدىن قارىغاندا، ۋەقەگە چېتىشلىق شىركەت ھەقىقەتەن خىزمەت ئەخلاقىغا ئەھمىيەت بەرمىگەن، بەزى قىلمىشلار ئەخلاققا خىلاپ بولۇپلا قالماستىن يەنە قانۇنغا خىلاپ، ھەتتا جىنايەت ئۆتكۈزۈشكە چېتىلغان. ئەگەر بۇ مەسىلىلەر راست بولسا، ئۇنداقتا مەسىلىنىڭ يىلتىزى قەيەردە ئىكەنلىكىنى چوقۇم سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.

  پۇلنى يولى بىلەن تېپىش كېرەك. كارخانىلار قانۇنلۇق تىجارەت قىلىپ، تۆۋەن چەكنى ساقلىشى كېرەك. ئەگەر ناچار ئۇسۇلغا تايىنىپ پايدا ئالسا، نەتىجىسى چوقۇم خەتەرلىك بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ