جۇڭگونىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ھۆكۈمەت تەرەپ ئۈندىدارىنىڭ 4-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانا جۇڭگو پۇقرالىرىنى يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىشكە دىققەت قىلىشقا ئەسكەرتكەن.
ياپونىيە يەر تەۋرەش كۆپ يۈز بېرىدىغان دۆلەت. ئۆتكەن يىلى 8- ئايدا نەنخەي دېڭىزى ئوقۇرىنىڭ غەربىي ئۇچىغا جايلاشقان مىيازاكى ناھىيەسىدە 7.1 بال يەر تەۋرىدى، ياپونىيە ھۆكۈمىتى «غايەت زور يەر تەۋرەش ئەسكەرتىشى»نى ئېلان قىلدى. ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 3-ئاينىڭ 31-كۈنى، ياپونىيە ھۆكۈمىتى نەنخەي دېڭىزى دېڭىز ئوقۇرىدىكى قاتتىق يەر تەۋرەش خەۋپىنى باھالاش ئەڭ يېڭى دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، كەلگۈسى 30 يىلدا ياپونىيەدە يۈز بېرىدىغان نەنخەي دېڭىزى دېڭىز ئوقۇرىدىكى قاتتىق يەر تەۋرەش ئېھتىماللىقىنى %70 تىن %80 كە ئۆستۈرۈپ، يەر تەۋرەش غەربتە ئوكىناۋادىن شەرقتە فۇكۇشىماغىچە بولغان كەڭ رايونلارغا تەسىر كۆرسىتىپ، 298 مىڭ ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، 1 تىرىليون 800 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئىقتىسادىي زىيان كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، دېگەن.