شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى تېلېگراممىسى 4 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى، لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ 9 ـ نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنى نۆۋەتچى رەئىس دۆلەت ھوندۇراستا ئۆتكۈزۈلدى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ باشلىقلار يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر دۇنيادا يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، جۇڭگو ھەم لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «يەرشارىنىڭ جەنۇبى»نىڭ تەسىرى كۆرۈنەرلىك زورايماقتا. لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، بىرلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش، تەرەققىيات، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، رايونلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ۋە خەلقىنىڭ تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىش يولىدا تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، «يەرشارىنىڭ جەنۇبى»نىڭ ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىغا چىن كۆڭلۈمدىن تىلەكداشمەن.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو ـ لاتىن ئامېرىكىسى مۇناسىۋىتى خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىش سىنىقىنى باشتىن كەچۈرۈپ، باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، يېڭىلىق يارىتىش، ئېچىۋېتىش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت يېڭى باسقۇچقا كىردى. ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقى سىجىل كېڭىيىپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالاقىسى كۈنسېرى قويۇقلىشىپ، جۇڭگو ـ لاتىن ئامېرىكىسى ئىككى تەرەپ خەلقىگە نەپ يەتكۈزۈپ، جەنۇب ـ جەنۇب ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى. جۇڭگو تەرەپ بۇ رايوندىكى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو ـ لاتىن ئامېرىكىسى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى تەرەققىياتقا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. بۇ يىل، جۇڭگو تەرەپ بېيجىڭدا جۇڭگو ـ لاتىن ئامېرىكىسى مۇنبىرى 4 ـ نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ، لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسىگە ئەزا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ يىغىنغا قاتنىشىپ، تەرەققىيات زور پىلانى ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىپ، ھەمكارلىق كاتتا پائالىيىتى ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقىرىپ، ئورتاق ھالدا يەرشارىۋى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇش، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن ئەقىل ـ پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشىنى قارشى ئالىدۇ.