لى چياڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيەت مۇتەخەسسىسلىرى ۋە كارخانىچىلار سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

2025.04.10 14:16 مەنبە: خەلق تورى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى چياڭ 4-ئاينىڭ 9-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئىقتىسادىي ۋەزىيەت مۇتەخەسسىسلىرى ۋە كارخانىچىلار سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت ۋە كېيىنكى قەدەمدىكى ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى پىكىر-تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى.

سۆھبەت يىغىنىدا جاڭ بىن، لى شۈنلېي، شېن جيەنگۇاڭ، ۋەن مىن، جېڭ جىن، پېڭ جىخۇي، ۋاڭ يەن قاتارلىقلار ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ سۆز قىلدى. كۆپچىلىك: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشى ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى، مۇقىم بولۇپ، يېڭىلىنىش، ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىپ، تەرەققىيات يېڭى قۇۋۋىتى تېز زورايدى. تاشقى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشى نۇرغۇن قىيىنچىلىق ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەۋزەللىكى كۆپ، ئېلاستىكلىقى كۈچلۈك، يوشۇرۇن ئىقتىدارى زور بولۇپ، تەرەققىيات ئىستىقبالى ئۇزاققىچە ياخشى دەپ قارىدى. كۆپچىلىك يەنە تاشقى زەربىگە تاقابىل تۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا پىكىر-تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مۇتەخەسسىسلەر ۋە كارخانىچىلارنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، لى چياڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىللىق ۋەزىيەت بىرقەدەر ئالاھىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىز تۈرلۈك خەۋپ-خەتەر، خىرىسلارغا سالماق، تەمكىن تاقابىل تۇردۇق، 1-پەسىلدە ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىدە داۋاملىق قايتا ئۆرلەپ ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن كۆرۈشىمىز كېرەككى، تاشقى زەربە دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ تەكشى، مۇقىم ئايلىنىشىغا بەلگىلىك بېسىم ئېلىپ كەلدى. بىز بۇنى تولۇق مۆلچەرلەپ، ھەر خىل ئېنىقسىز ئامىللارغا تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىنى قىلىپ بولدۇق. دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئەزەلدىن قىيىنچىلىق، خىرىسنى يېڭىش داۋامىدا ئالغا ئىلگىرىلەپ كەلگەن، ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئۆز ئىشىمىزنى ياخشى قىلساقلا، چوقۇم كىرىزىسنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلالايمىز.

لى چياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: دۆلەت ئىچى ۋە سىرتى ۋەزىيىتىدىكى يېڭى ئۆزگىرىش ئالدىدا، 2-پەسىللىك ۋە كېيىنكى قەدەمدىكى ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىنتايىن مۇھىم، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ھەممىسىگە سىجىل كۈچەش، تېخىمۇ كۈچ بېرىش كېرەك. تېخىمۇ ئاكتىپ، ئۈنۈملۈك ماكرو سىياسەتنى يولغا قويۇپ، ئالدىغا قاراپ كۈچەپ، بېكىتىلگەن سىياسەتنى تېزدىن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ۋەزىيەت ئېھتىياجىغا ئاساسەن يېڭى ئاشۇرۇلما مىقدار سىياسىتىنى ۋاقتىدا يولغا قويۇپ، كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك سىياسەت ئارقىلىق تاشقى مۇھىتنىڭ ئېنىقسىزلىقىغا تاقابىل تۇرۇش كېرەك. دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى زورايتىپ ھەم كۈچەيتىپ، ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇشنى ئۇزاق مۇددەتلىك ئىستراتېگىيە قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشنى ياخشى تۇتۇش بىلەن بىللە، مۇلازىمەت ئىستېمالىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىشنى تېزلىتىپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەمىنات ئارقىلىق ئېھتىياجغا يېتەكچىلىك قىلىش، ئېھتىياج يارىتىش كېرەك. تۈرلۈك تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتۇپ، تۈرلۈك قوللاش خاراكتېرلىك سىياسەتلەرنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلارغا چېتىلىدىغان قانۇن ئىجراسىنى كۈچەپ قېلىپلاشتۇرۇپ، پۇلنى نېسى قالدۇرۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىن بولۇش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىممەت بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى يەنىمۇ ھەل قىلىپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتتىكى قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشىغا ھەقىقىي ياردەم بېرىپ، تىرىشىپ كارخانىلارنى تېخىمۇ ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى ۋە سىياسەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

لى چياڭ كەڭ كارخانىچىلارنىڭ ئائىلە-دۆلەت مۇھەببىتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، ئۆزگىرىشكە پائال ماسلىشىپ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كارخانىلارنى كۈچەيتىپ، ئەلالاشتۇرۇپ ۋە زورايتىپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتى ئۈچۈن كۆپرەك تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى. مۇتەخەسسىس، ئالىملارنىڭ كەسپىي ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىدىكى يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ، ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە ۋە ئىجابىي پىكىرلەرنى كۆپرەك بېرىشىنى ئۈمىد قىلدى.

ۋۇ جېڭلۇڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ