لى چياڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋوندېرلېيىن بىلەن تېلېفونلاشتى

2025.04.09 14:50 مەنبە: خەلق تورى

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 4-ئاينىڭ 8-كۈنى چۈشتىن كېيىن ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋوندېرلېيىن بىلەن تېلېفونلاشتى.

لى چياڭ مۇنداق بىلدۈردى: ھازىر، جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىدە مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى نامايان بولدى. بۇ يىل جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى مۇھىم پۇرسەتكە دۇچ كەلدى. يىل بېشىدا، رەئىس شى جىنپىڭ رەئىس كوستا بىلەن تېلېفونلىشىپ، جۇڭگو-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئاساس سالدى، يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى بىر-بىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم سودا ھەمراھى بولۇپ، ئىقتىسادى يۈكسەك دەرىجىدە بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ، مەنپەئەتى زىچ يۇغۇرۇلغان. جۇڭگو تەرەپ ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرەپ بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، ياخشى، راۋان بولغان يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ساقلاپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئۆزلىرى كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى سۆزلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىشى، ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ يېڭى بىر قېتىملىق جۇڭگو-ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىستراتېگىيە، ئىقتىساد-سودا، يېشىل، رەقەملىك ساھەلەردىكى يۇقىرى قاتلام سۆھبىتىنىڭ بالدۇرراق ئۆتكۈزۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

لى چياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىندا، ئامېرىكا ھەر خىل باھانىلەرنى كۆرسىتىپ، جۇڭگو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق سودا ھەمراھلىرىدىن قالايمىقان تاموژنا بېجى ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇ تىپىك يەككە تەرەپچىلىك، قورۇقچىلىق ۋە ئىقتىسادىي زومىگەرلىك قىلمىشى. جۇڭگو تەرەپ قوللانغان قەتئىي تەدبىر ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈنلا ئەمەس، يەنە خەلقئارا سودا قائىدىسى ۋە خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداش ئۈچۈندۇر. ئىنسانلار ئوخشاش بىر يەر شارى كەنتىدە ياشايدۇ، ھېچقانداق دۆلەت ئۆزىنىلا ئويلاپ، باشقىلار بىلەن كارى بولمىسا بولمايدۇ، قورۇقچىلىقنىڭ چىقىش يولى يوق، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشلا جاھاندىكى توغرا يول. جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىقتىسادنى دۇنياۋىلاشتۇرۇش ۋە سودىنى ئەركىنلەشتۈرۈشنىڭ تەشەببۇسچىلىرى، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قەتئىي قوغدىغۇچىلىرى ۋە قوللىغۇچىلىرى، شۇڭا ئالاقىلىشىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، ئەركىن، ئوچۇق سودا، سېلىنمىنى ئورتاق قوغداپ، دۇنياۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى، راۋانلىقىنى قوغداپ، ئىككى تەرەپ ۋە دۇنيا ئىقتىسادىغا تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق ۋە ئېنىقلىق قوشۇشى كېرەك. جۇڭگو بۇ يىللىق ماكرو سىياسىتىدە تۈرلۈك ئېنىقسىز ئامىللارنى تولۇق ئويلاشتى، يېتەرلىك زاپاس سىياسەت قورالىمۇ بار، پايدىسىز تاشقى تەسىرگە تامامەن تاقابىل تۇرالايدۇ، ئۆز ئىقتىسادىنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتىنى ساقلاشقا تولۇق ئىشەنچى بار. جۇڭگو ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي داۋاملىق كېڭەيتىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تەرەققىيات پۇرسىتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولىدۇ.

ۋوندېرلېيىن مۇنداق بىلدۈردى: ياۋروپا ئىتتىپاقى باشتىن-ئاخىر جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. ھازىرقى ۋەزىيەتتە، ياۋروپا ئىتتىپاقى-جۇڭگو مۇناسىۋىتىدە ئىزچىللىق، مۇقىملىقنى ساقلاش ئىنتايىن مۇھىم. ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرەپ مۇۋاپىق پەيتتە يېڭى بىر قېتىملىق ياۋروپا ئىتتىپاقى-جۇڭگو رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزۈپ، ئۆتمۈشنى خۇلاسىلەپ، كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى-جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى ئورتاق تەبرىكلەشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ھەرقايسى ساھەلەردىكى يۇقىرى قاتلام سۆھبىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىساد-سودا، يېشىل ئىقتىساد، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. ئامېرىكىنىڭ تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىشى خەلقئارا سودىغا ئېغىر زەربە بېرىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى، جۇڭگو ۋە ئاجىز دۆلەتلەرگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى. ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو دۇنيا سودا تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان، ئادىل، ئەركىن كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداشقا كۈچ چىقىرىدۇ، دۇنياۋى ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى قوغدايدۇ، بۇ، ئىككى تەرەپ ۋە دۇنيانىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ