شى جىنپىڭ ۋيېتنام، مالايسىيا، كامبودژادا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ

2025.04.14 14:26 مەنبە: خەلق تورى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى 4 - ئاينىڭ 11 - كۈنى مۇنداق جاكارلىدى:

ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى سۇ لىن، ۋيېتنام سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى لياڭ چياڭنىڭ تەكلىپى بىلەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 4 - ئاينىڭ 14 - كۈنىدىن 15 - كۈنىگىچە ۋيېتنامدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

مالايسىيانىڭ ئالىي رەھبىرى ئىبراھىم، كامبودژا پادىشاھى سىخامونىنىڭ تەكلىپى بىلەن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 4 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن 18 - كۈنىگىچە مالايسىيا، كامبودژادا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ