مۇھىم خەۋەرلەر

تايلاند ھۆكۈمەت تەرەپ: تەدبىر قوللىنىپ تايلاندقا بارىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ ئىشەنچىنى ئاشۇرىمىز

2025.01.16 15:14 مەنبە: خەلق تورى

تايلاند ھۆكۈمەت تەرەپ يېقىندا ئارقا-ئارقىدىن ئىپادە بىلدۈرۈپ، بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ساياھەتچىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، تايلاندقا بارىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ ئىشەنچىنى ئۇرغۇتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تايلاند زۇڭلىسى پېتوڭتارن 1-ئاينىڭ 13-كۈنى ئىچكى كابىنېت يىغىنىدا ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلاردىن تايلاندنىڭ ساياھەت بىخەتەرلىكى ئوبرازىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى تېزلىتىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئىشەنچىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. يىغىندا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يېتەرلىك ساقچى كۈچى ئورۇنلاشتۇرۇپ ساياھەتچىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ ھەم ساياھەت بىخەتەرلىكى تەشۋىقاتى كۈچەيتىلىدۇ.

تايلاند دۆلەت ساقچى باش مەھكىمىسىنىڭ باش نازارەتچى تاچاسەي 1-ئاينىڭ 14-كۈنى يىغىن ئېچىپ، ساقچى تەرەپ ھەرقايسى تارماقلاردىن بىرمۇبىر تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئالدامچىلىق ۋە ئادەم توشۇپ سېتىش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىپ، ساياھەتچىلەرنى ۋاقتىدا قوغداشنى تەلەپ قىلدى. تاچاسەي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خەلقئارا ئاپپاراتلار بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، سانلىق مەلۇمات ئالماشتۇرۇش مەركىزى قۇرۇپ، چېگرا پورتلىرىدا مەخسۇس تەكشۈرۈش پونكىتى تەسىس قىلىپ، ئادەم توشۇپ سېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىمىز ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىمىز. تايلاند دۆلەت ساقچى باش مەھكىمىسى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى «ساياھەت بىخەتەرلىكى ھەرىكەت مەركىزى» قۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ساقچىلارنى ماسلاشتۇرۇپ، سىستېمىلاشقان ساياھەتچىلەر بىخەتەرلىكى كاپالەت سىستېمىسى بەرپا قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. تايلاند ساقچى تەرەپ ساياھەتچىلەرگە يېڭىدىن بازارغا سېلىنغان يان تېلېفون ئەپ دېتالىنى چۈشۈرۈشنى ئەسكەرتتى، ساياھەتچىلەر بۇ سۇپىدىن پايدىلىنىپ ئۇچۇر، سۈرەت ۋە ئورۇن يوللاپ، مەسلىھەت سورىيالايدۇ، ساقچىغا مەلۇم قىلالايدۇ ۋە ياردەم تەلەپ قىلالايدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ