لى چياڭ گىرېنادا زۇڭلىسى مىچېل بىلەن سۆھبەتلەشتى

2025.01.14 16:51 مەنبە: خەلق تورى

1-ئاينىڭ 13-كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتكە كەلگەن گىرېنادا زۇڭلىسى مىچېل بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ بىن فوتوسى

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 1-ئاينىڭ 31-كۈنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتكە كەلگەن گىرېنادا زۇڭلىسى مىچېل بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

لى چياڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن گىرېنادا دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن 20 يىلدىن بۇيان، باشتىن ـ ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ قويۇق ئالاقىسىنى ساقلاپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ھەقىقىي بەخت ـ سائادەت ياراتتى. بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭلى ئەپەندى بىلەن ئۇچرىشىپ، كېيىنكى باسقۇچتىكى جۇڭگو-گىرېنادا مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى ئۇلۇغۋار پىلان تۈزدى. جۇڭگو تەرەپ گىرېنادا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى ئوبدان قوغداپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە ئۆزئارا قەتئىي قوللاپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى سىجىل كېڭەيتىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

لى چياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەپ گىرېنادا تەرەپ بىلەن تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق قۇرۇشنى يېتەكچى قىلىپ، يېزا ئىگىلىكى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، داۋالاش ـ سەھىيە قاتارلىق ئەنئەنىۋى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى ئېنېرگىيە، رەقەملىك ئىقتىساد، كۆك ئىقتىساد قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردە تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق يارقىن نۇقتىسىنى يارىتىش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىشنى خالايدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنىڭ سۈپىتى، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ. جۇڭگو تەرەپ شارائىتى بار جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ گىرېناداغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشىگە ئىلھام بېرىدۇ. ئىككى تەرەپ ساياھەت، مەدەنىيەت، مائارىپ، تاراتقۇ قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ گىرېنادا قاتارلىق كارب دۆلەتلىرىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى» ۋە «پارىژ كېلىشىمى»نىڭ ئومۇميۈزلۈك ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ گىرېنادا تەرەپ بىلەن قول تۇتۇشۇپ، جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشى، پۇختىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، جەنۇبىي يەر شارىنىڭ مەنپەئەتىنى ئورتاق قوغداپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

مىچېل مۇنداق بىلدۈردى: گىرېنادا بىلەن جۇڭگونىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنىڭ 20 يىللىقى پەيتىدە جۇڭگودا زىيارەتتە بولغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. جۇڭگو ھۆكۈمىتى باشتىن-ئاخىر خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، نامراتلىقتىن ئومۇميۈزلۈك قۇتۇلدۇرۇش ئۇلۇغ ئىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۇنياۋى تەرەققىياتقا پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان تۆھپە قوشۇپ، دۇنياغا، بولۇپمۇ كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە ئۈلگە تىكلەپ بەردى. گىرېنادا تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان گىرېنادانىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا مەدەت ۋە ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت بىلەن دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، جەنۇبىي يەر شارىنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلغانلىقىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ. بىر جۇڭگو پىرىنسىپى دۇنيا ئېقىمىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ، گىرېنادا تەرەپ بۇنىڭدا داۋاملىق قەتئىي چىڭ تۇرىدۇ. گىرېنادا تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئۈچ چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇسنى قەتئىي قوللايدۇ، جۇڭگونىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىقتىساد-سودا، ئادىمىيەت، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، كۆپ تەرەپلىك ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش، ئىقتىساد، سودا، يېشىل تەرەققىيات، مەدەنىيەت، ئاخبارات، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقى ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

سۆھبەتتىن ئىلگىرى، لى چياڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا مىچېلنى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

ۋۇ جېڭلۇڭ يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ