شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تېلېگراممىسى 1 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئوئىنغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ لىۋان جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن لىۋان ئەنئەنىۋى دوست. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ كەلدى، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىش كۈچەيدى، خەلقنىڭ دوستلۇقى چوڭقۇرلاشتى. مەن جۇڭگو - لىۋان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو - لىۋان دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمەن. جۇڭگو تەرەپ لىۋان تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى ئىلگىرىكىدەكلا قەتئىي قوللايدۇ، داۋاملىق تۈردە لىۋان تەرەپنىڭ ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىغا قۇربىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىدۇ.