شى جىنپىڭ گىرېنادا زۇڭلىسى مىچېل بىلەن كۆرۈشتى

2025.01.14 16:50 مەنبە: خەلق تورى

1 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن گىرېنادا زۇڭلىسى مىچېل بىلەن كۆرۈشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لىن فوتوسى

1 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن گىرېنادا زۇڭلىسى مىچېل بىلەن كۆرۈشتى.

مىچېل شىزاڭ دىڭرىنىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىدىن سەمىمىي ھال سورىدى. شى جىنپىڭ بۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىپ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش جۇڭگونىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى يۇقىرى رايوندا يۈزبەردى، جۇڭگو تەرەپ ئەڭ قىسقا ۋاقىتتا قۇتقۇزۇش ۋە ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇشنى تاماملىدى، شۇنداقلا ئەڭ قىسقا ۋاقىتتا قايتا قۇرۇشنى قانات يايدۇرىدۇ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئىشەنچى ۋە ئىقتىدارى بار.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو ـ گىرېنادا مۇناسىۋىتى مۇقىم راۋاجلاندى، ئىككى تەرەپ بىر ـ بىرىنى ھۆرمەتلەپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىدى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى، خەلقنىڭ دوستلۇقى كۈنسېرى چوڭقۇرلاشتى. جۇڭگو تەرەپ گىرېنادا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو ـ گىرېنادا ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو ـ گىرېنادا مۇناسىۋىتىنى قوغداش ۋە راۋاجلاندۇرۇش جۇڭگو ـ گىرېنادا ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. ئىككى تەرەپ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن 20 يىلدىن بۇيانقى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، جۇڭگو ـ گىرېنادا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك، يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ گىرېنادا تەرەپنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئۆز ئالدىغا ئىزدىنىشىنى قوللايدۇ، گىرېنادا تەرەپ بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى دوستانە ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى گىرېنادانى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى دۆلەتلەرگە يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كېلىدۇ، جەنۇب ـ جەنۇب ھەمكارلىقى رامكىسى ئىچىدە گىرېنادانىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىپ، يېڭى ئېنېرگىيە، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردە ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى يارقىن نۇقتىسىنى يارىتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ گىرېنادا تەرەپنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىنى قوللايدۇ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كىچىك ئارال دۆلەتلەرنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشى مەسىلىسىدىكى كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ئىلتىماس ـ تەلەپلىرىگە ئەھمىيەت بېرىشىگە داۋاملىق تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ يەنە خادىملار ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت، مائارىپ، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ، گىرېنادا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەپ كارب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە باشتىن ـ ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، بۇ رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا قۇربىنىڭ يېتىشىچە داۋاملىق ياردەم بېرىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.

مىچېل جۇڭگو تەرەپنىڭ بۇلتۇر 7 ـ ئايدا گىرېنادا پەۋقۇلئاددە زور قارا بوراننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ۋاقتىدا ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى. مىچېل مۇنداق بىلدۈردى: گىرېنادا ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئۆتكەن 20 يىلدىن بۇيان ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى. گىرېنادا تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكى جەزمەن ھۆرمەت قىلىنىشى كېرەك. گىرېنادا تەرەپ گىرېنادا ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىدىن كۆپ نەپكە ئېرىشتى، جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوغا رەھبەرلىك قىلىپ ئۇلۇغ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە ئۈلگە تىكلەپ بەردى، گىرېنادا تەرەپ جۇڭگودىن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىشنى خالايدۇ. جۇڭگو يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى يېتەكلىگۈچى بولۇپ، چوڭ ـ كىچىك دۆلەتلەرنىڭ بىردەك باراۋەر بولۇشىدا ئىزچىل چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىپ، خەلقئارا ئىشلاردا سۆز ـ ھەرىكەتتە بىردەك بولۇپ، بارغانسېرى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. گىرېنادا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن قەتئىي بىر سەپتە تۇرۇپ، ئۈچ چوڭ يەرشارىۋى تەشەببۇسنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشنى خالايدۇ.

ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ