بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئۆسمۈرلەر فوندى جەمئىيىتى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى مۇنداق بىلدۈردى: سۈرىيەدىكى ئۇزاق مەزگىللىك توقۇنۇشتىن قالغان مىنا ۋە باشقا پارتلاتقۇچ بۇيۇملار بۇ دۆلەتتىكى بالىلارنىڭ ئۆلۈش-يارىلىنىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبكە ئايلاندى، ئالدىنقى ئايدىلا 100 دىن ئارتۇق بالا شۇ سەۋەبتىن تالاپەتكە ئۇچرىدى ياكى يارىلاندى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھۆكۈمەت تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى جەمئىيىتى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى مۇنداق بىلدۈردى: ئۆتكەن توققۇز يىلدا، سۈرىيەدىكى 14 ئۆلكىدە ئاز دېگەندە پارتلاتمىغان ئوق-دورىغا مۇناسىۋەتلىك 422 مىڭ قېتىم ۋەقە يۈز بەرگەنلىكى دوكلات قىلىنغان، بۇنىڭ ئىچىدە تەخمىنەن يېرىمى بالىلارنىڭ ئۆلۈش-يارىلىنىشىغا چېتىشلىدۇ. 2024-يىل 12-ئايدىلا، 116 بالا مۇشۇ سەۋەبتىن تالاپەتكە ئۇچرىغان ياكى يارىلانغان، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر كۈنى تۆتكە يېقىن بالا بەختسىزلىككە ئۇچرىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ سان يەنىلا تۆۋەن مۆلچەرلەنگەن بولۇشى مۇمكىن.