دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بۇ ئايدا مايمۇن چېچىكى يۇقۇمىنى «خەلقئارا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان تاسادىپىي ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەسى» قاتارىغا كىرگۈزدى، مايمۇن چېچىكى يۇقۇمىنىڭ تارقىلىش خەۋپ-خەتىرى مەۋجۇت. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى بىر تۈرلۈك دۇنياۋى ئىستراتېگىيەلىك تەييارلىق ۋە تاقابىل تۇرۇش پىلانىنى يولغا قويۇپ، پۈتۈن دۇنيا، رايون ۋە دۆلەتلەرنىڭ ماسلىشىپ تىرىشىشى ئارقىلىق مايمۇن چېچىكىنىڭ كىشىلەر ئارىسىدا تارقىلىشىنى توستى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ پىلان 2024-يىل 9-ئايدىن 2025-يىل 2-ئايغىچە بولغان ئالتە ئاينى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە، 135 مىليون دوللار تاقابىل تۇرۇش مەبلىغىگە ئېھتىياجلىق بولىدىكەن. بۇ پىلاننى يولغا قويۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مەبلەغ توپلاش مۇراجىئىتى چىقىرىدۇ. بۇ پىلاندا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى ئېلان قىلغان ۋاقىتلىق تەكلىپ ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك تەكلىپ ئاساس قىلىنغان، مۇھىم نۇقتىسى ئومۇميۈزلۈك كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىنى ئېلىش، تەييارلىق كۆرۈش ۋە تاقابىل تۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش؛ دىياگنوز قويۇش، تەكشۈرۈش-ئۆلچەش تەجرىبە دورىسى ۋە ۋاكسىنا قاتارلىق داۋالاش تەدبىرلىرىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئادىل ئېرىشىشنى ئالغا سىلجىتىش؛ ھايۋانلارنىڭ ئىنسانلارغا بولغان تارقىلىشىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىش ھەمدە مەھەللىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەشكە پائال قاتنىشىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باش ئىشتابى ۋە رايون ئىش بېجىرىش ئورنى ۋەقەلەرنى باشقۇرۇشنى قوللاش گۇرۇپپىسى قۇردى ھەمدە تەسىرگە ئۇچراۋاتقان دۆلەتلەرگە خىزمەتچى خادىملارنى زور دەرىجىدە كۆپەيتتى.