مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ۋېييۈەنجاڭى جاۋ لېجى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى بېيجىڭدا ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى سۇ لىن، فىجى زۇڭلىسى رابۇكا بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى.
سۇ لىن بىلەن كۆرۈشكەندە، جاۋ لېجى مۇنداق دېدى: باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سىز بىلەن مول نەتىجىلىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى جۇڭگو-ۋيېتنام مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. جۇڭگو ۋىيېتنام بىلەن بىرلىكتە ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورتاق تونۇشىنى مىزان قىلىپ، جۇڭگو-ۋيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋيېتنام پارلامېنتى بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نىشانلىق ئالماشتۇرۇش مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، كۆپ خىل يول ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىپ، قانۇن چىقىرىش، نازارەت قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-ۋيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى قانۇن كاپالىتى بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ.
سۇ لىن مۇنداق دېدى: ۋيېتنام باشتىن-ئاخىر جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئىستراتېگىيەلىك تاللاش ۋە بىرىنچى دەرىجىلىك ئالدىن تاللاش قىلىدۇ، جۇڭگو بىلەن ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ۋيېتنام-جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا چوڭقۇر تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
جاڭ چىڭۋېي كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
رابۇكا بىلەن كۆرۈشكەندە، جاۋ لېجى مۇنداق دېدى: فىجى ئەڭ بۇرۇن يېڭى جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلەت، جۇڭگو-فىجى مۇناسىۋىتى چوڭ-كىچىك دۆلەتلەر ئۆزئارا باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، دوستانە ھەمكارلىشىشنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى. جۇڭگو فىجىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرغانلىقىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ، فىجى بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، ھەر تەرەپلىمە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى سىجىل كېڭەيتىپ، جۇڭگو-فىجى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى فىجى پارلامېنتى بىلەن ھەرقايسى قاتلام-دەرىجىلىكلەر ئارا ئالماشتۇرۇش- ئالاقىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئالاقىدار قانۇن ھۆججەتلىرىنى ۋاقتىدا تەستىقلاپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى قانۇن كاپالىتى بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ.
رابۇكا مۇنداق دېدى: بىر جۇڭگو پىرىنسىپى فىجى-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇل تېشى، فىجى رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم، زور تەشەببۇس ۋە ئىدىيەنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ، جۇڭگو بىلەن سودا، نامراتلارنى ئازايتىش قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.