شۇ جاي ۋاقتى 8-ئاينىڭ 21-كۈنى چۈشتىن كېيىن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ كىرېمىل سارىيىدا رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ بىن فوتوسى
شۇ جاي ۋاقتى 8-ئاينىڭ 21-كۈنى چۈشتىن كېيىن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ كىرېمىل سارىيىدا رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى.
لى چياڭ ئالدى بىلەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زۇڭتۇڭ پۇتىنغا يوللىغان سەمىمىي سالىمى ۋە ياخشى تىلىكىنى يەتكۈزدى. لى چياڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى قېتىم ئۇچرىشىپ، جۇڭگو-رۇسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقى تارىخىي تۈگۈن نۇقتىسىدا، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ۋە ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن يېڭى ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ چىقىپ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى. جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشى ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن بولۇپلا قالماي، رايون ھەتتا دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشىگىمۇ پايدىلىق. جۇڭگو رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، ھەر تەرەپلىمە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايدۇ.
لى چياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىۋاتىدۇ، بۇنىڭغا غايەت زور تەرەققىيات پۇرسىتى يوشۇرۇنغان. جۇڭگو رۇسىيە بىلەن ئەنئەنىۋى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى مۇستەھكەملەش بىلەن بىللە، يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى تىرىشىپ ئېچىپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ھەمكارلىققا تۈرتكە بولۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى ئۈزلۈكسىز يېتىلدۈرۈشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ مەدەنىيەت-ساياھەت، مائارىپ، ياشلار، يەرلىك قاتارلىقلاردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە ئۆزئارا ئىناق ئۆتۈشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو-رۇسىيە دوستلۇق ئىشلىرىغا ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىشى كېرەك. دۇنيادا 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتقان ئەھۋالدا، جۇڭگو رۇسىيە بىلەن كۆپ تەرەپلىك ماسلىشىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئۆزئارا ئىشىنىش، ھەمكارلىشىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشىنى قەتئىي ئالغا سىلجىتىپ، ئۆزىنىڭ ھەققانىي ھوقۇق-مەنپەئەتى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداشنى خالايدۇ.
پۇتىن لى چياڭغا ئۆزىنىڭ رەئىس شى جىنپىڭغا يوللىغان سەمىمىي سالىمى ۋە ياخشى تىلىكىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى ئېيتتى. پۇتىن مۇنداق دېدى: بۇ يىل رۇسىيە بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، بۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا خاتىرىلەش ئەھمىيىتىگە ئىگە يىل. بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرى يىللىق ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈپ، ئىقتىساد-سودا، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى ھەم بىر قاتار ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالىدى، بۇ، مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنىڭ كۈچلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى بولۇپ، مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. رۇسىيە جۇڭگو بىلەن ئۆزئارا پايدا-مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالاقىنى كېڭەيتىپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك مېخانىزم ئىچىدىكى ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكار ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
خې لىفېڭ، ۋۇ جېڭلۇڭ، شېن يىچىن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.