جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ 8-ئاينىڭ 29-كۈنى بېيجىڭدا ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى سۇ لىن بىلەن كۆرۈشتى.
ۋاڭ خۇنىڭ مۇنداق دېدى: بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى سۇ لىن بىلەن جۇڭگو-ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. جۇڭگو ۋيېتنام بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو-ۋيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۇختىلاشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ۋيېتنام بىلەن بىرلىكتە بۇنىڭ ئۈچۈن پائال تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدۇ.
سۇ لىن مۇنداق دېدى: ۋيېتنام جۇڭگونىڭ ۋيېتنامنىڭ مىللىي ئازادلىقى ۋە دۆلەت تەرەققىياتىغا غايەت زور ياردەم بەرگەنلىكىنى باشتىن-ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلايدۇ ھەم چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىدۇ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، ۋىيېتنام-جۇڭگو ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى يېتەكچى قىلىپ، ۋيېتنام بىلەن جۇڭگونىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى مۇستەھكەملەيدۇ ۋە يۈكسەلدۈرىدۇ، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ۋيېتنام-جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ياخشى قۇرۇش كېرەك.
خۇ چۈنخۇا، ۋاڭ دۇڭفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.