شۇ جاي ۋاقتى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ بېلارۇسىيە مۇستەقىللىق سارىيىدا بېلارۇرۇسىيە زۇڭتۇڭى لۇكاشېنكو بىلەن كۆرۈشتى.
شۇ جاي ۋاقتى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ بېلارۇسىيە مۇستەقىللىق سارىيىدا بېلارۇرۇسىيە زۇڭتۇڭى لۇكاشېنكو بىلەن كۆرۈشتى.
لى چياڭ ئالدى بىلەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زۇڭتۇڭ لۇكاشېنكوغا يوللىغان سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزدى. لى چياڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن بېلارۇسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 32 يىلدىن بۇيان، مەيلى خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولسۇن، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە باشتىن-ئاخىر تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچ ۋە جۇشقۇنلۇق نامايان بولدى. ئىككى تەرەپ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق نەپ ئېلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلدى. بۇ يىل 7-ئايدا، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئاستانىدە ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى. جۇڭگو تەرەپ بېلارۇسىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن بېلارۇسىيەنىڭ پۈتۈن كۈنلۈك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈشنى خالايدۇ.
لى چياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەپ بېلارۇسىيەنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى داۋاملىق قەتئىي قوللايدۇ، بېلارۇسىيە تەرەپ بىلەن تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، سودا كۆلىمىنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىپ، جۇڭگو-بېلارۇگىيە سانائەت باغچىسى قاتارلىق تۈرلەرنى ياخشى يولغا قويۇپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ بېلارۇسىيە تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىشىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تىنچ بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپىنى ئورتاق ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۇنيانىڭ باراۋەر، تەرتىپلىك كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان دۇنياۋىلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداشنى خالايدۇ.
لۇكاشېنكو لى چياڭغا رەئىس شى جىنپىڭغا سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى ئېيتتى. لۇكاشېنكو مۇنداق بىلدۈردى: بېلارۇسىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ھازىرقى تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولۇپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئىككى دۆلەت بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار قاتارلىق مۇھىم، زور مەسىلىلەردە باشتىن-ئاخىر بىر-بىرىنى قەتئىي قوللىدى. بېلارۇسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان بېلارۇسىيەنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا خالىس ياردەم بەرگەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىقتىساد-سودا، يېزا ئىگىلىكى، پەن-تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم دۇنياۋى تەشەببۇسقا پائال قاتنىشىپ، بېلارۇگىيە-جۇڭگو پۈتۈن كۈنلۈك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، لى چياڭ بېلارۇسىيە غەلىبە خاتىرە مۇنارىغا گۈلچەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
ۋۇ جېڭلوڭ يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.