26-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن گوۋۇيۈەننىڭ «دۆلەتنىڭ نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشىغا پائال تاقابىل تۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، كۈتۈنۈش ئىشلىرى بىلەن كۈتۈنۈش كەسپىنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش» باش تېمىسىدىكى 9-قېتىملىق مەخسۇس ئۆگىنىشىگە رىياسەتچىلىك قىلغاندا، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ياشانغانلار خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشىغا پائال تاقابىل تۇرۇش دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاكتىپ ياشانغانلار قارىشى، ساغلام قېرىلىشىش ئىدىيەسىنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، ياشانغانلار خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ياشانغانلار ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
فۇدەن داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى ۋۇ يۈشاۋ چۈشەندۈرۈش لېكسىيەسى سۆزلىدى. گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ گوجۇڭ، دۆلەت كومىسسارى ۋاڭ شياۋخۇڭ، شېن يىچىن پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.
لى چياڭ لېكسىيە ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: قېرىلىشىش تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىگە ئوبيېكتىپ ۋە دىيالېكتىكىلىق مۇئامىلە قىلىش كېرەك. ھەم قېرىلىشىش ئېلىپ كەلگەن خىرىسقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش ھەم قېرىلىشىشقا يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتى يوشۇرۇنغانلىقىنىمۇ كۆرۈش كېرەك، ياشانغانلار نوپۇسىمۇ قىممەتلىك بايلىق. نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشىغا تاقابىل تۇرۇش بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈپ، مۇلازىمەت، مەبلەغ ۋە تۈزۈم كاپالىتىنى كۈچەيتىش كېرەك.
لى چياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ياشانغاندا كۈتۈنەلەيدىغان بولۇش» مۇلازىمەت كاپالىتىنى، ئائىلە ۋە مەھەللىدە كۈتۈنۈش مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزىلاردىكى كۈتۈنۈش مۇلازىمەت تورىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھاجىتىدىن چىقالمايدىغان ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئېھتىياجىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۇزاق مۇددەتلىك ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مۇلازىمىتىنى ياخشىلاش كېرەك. كەڭ كۆلەملىك ماھارەت بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، كۈتۈنۈش، پەرۋىش كەسپىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. «ياشانغاندا يۆلەنچۈكى بولۇش»نىڭ مەبلەغ كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش غەملەش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆپ قاتلاملىق، كۆپ تۈۋرۈكلۈك كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. «ياشانغانلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش» تۈزۈم كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، ياشانغانلارغا ماس كېلىدىغان كۆپ خىللاشقان، خاسلاشقان ئىش ئورنى يارىتىش كېرەك. ياشانغانلار ئىگىلىكىنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىش، سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
لى چياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جايلار ۋە تارماقلار مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىياسەتنى قاراتمىلىق تۈزۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇھىم نۇقتىلىق، قىيىن نۇقتىلىق، مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، ياشانغانلارنىڭ بەخت-سائادىتىنى داۋاملىق ئاشۇرۇشى كېرەك.